ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىستانبۇلغا جەم بولۇپ، ئۆز مىللىي تەقدىرى مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى
2023.09.25

«ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» تەشكىللىشىدىكى، ئىككى كۈن داۋاملاشقان «دەۋر ۋە بىز، ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» ماۋزۇلۇق يىغىن 24-سېنتەبىر كۈنى ئاخشام ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، «ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» نىڭ رەئىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننى ئۇيغۇرلار ئېغىر كىرىزىسقا ئۇچراۋاتقان پەيتتە ئۇيغۇر خەلقىگە يول كۆرسىتىپ بېرىش، يېتەكلەش ئۈچۈن ئاچقانلىقىنى، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىن ئېچىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر روھىي ئازابقا دۇچ كەلدى. بىر قىسىم كىشىلەر چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدى. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقى بۇندىن كېيىن قانداق ياشىشىنى بىلەلمەي قالدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئۇلارنى ھازىر زۆرۈر بولغان بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش مەقسىتى بىلەن بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانىدۇق. بىز بۇ مەقسەت بىلەن ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان كىرىزىسلار نېمە؟ بۇ مەسىلە ۋە كىرىزىسلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نېمە؟ ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى نېمە؟ دېگەن سوئاللارنى تەييارلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەنىدۇق. بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ 45 زىيالىي 50 پارچە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يوللاپ بەردى. بىز بۇ ماقالىلەرنىڭ ئىچىدىن تاللىدۇق. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى تاللاشتىن ئۆتمىدى. بەزىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تولۇقلاش كېرەكلىكىنى دەپ قايتۇرۇپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن 37 نەپەر زىيالىينىڭ 44 پارچە ماقالىسى رەسمىي تاللاندى. بىز بۇ ماقالىلەرنى يىغىپ ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشر قىلدۇردۇق. بۇ 550 بەتلىك كىتاب بولدى. بۇ كىتابنى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق».
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىن جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىم ھېس قىلغان نەرسە خەلق بۇنداق بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. يىغىنغا بولغان قىزىقىش ۋە كەيپىياتلار ئىنتايىن يۇقىرى بولدى. يىغىنغا كەلگەن ئىستانبۇللۇق ئۇيغۇرلار ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدى. يىغىن جەريانىدا بەزى ئۇيغۇر ياشلار، ھەتتا بەزى كىچىك ئۆسمۈرلەرمۇ ۋەتەن توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى».
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىن ئەھلىنىڭ يىغىندا ناھايىتى قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەسلىدىكى يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمىز، يۇقىرىدىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك كىرىزىس ۋاقتىدا خەلقىمىزنى يېتەكلەش ئىدى. مېنىڭچە بۇ جەھەتتىكى مەقسەتكە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن. خەلقىمىزمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى يۈزلىنىش قانداق بولۇشى كېرەك. ئاخىرقى مەقسىتىمىز، نىشانىمىز نېمە بولۇشى كېرەك؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى.»
يىغىندا لېكسىيە سۆزلىگەن فىرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى يىغىن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەنچە ‹ئىستانبۇلدا 23 لېكسىيە› ناملىق پائالىيەت ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق. شەخسەن مەن بىر پەن تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن لېكسىيەمدە كۈچلۈك پەن-تېخنىكا قوشۇنىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشىمىزدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم».
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى يىغىننىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مېھرى-سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر يىغىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇسسۇلىدا مۇزاكىرە قىلىشى ئىكەن. بۇ يىغىندا 21 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى لېكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، ھەر كۈنى يىغىنغا كېلىپ قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى 150-200 نەپەر ئەتراپىدا بولغان.