ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.12.27
istanbul-senet-korgezmisi-01

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-02

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-03

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-05

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-06

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-07

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدە دوكتور رايىلە كاشغەرلى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-04

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنەۋۋەر گۆكداغ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-korgezmisi-08

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش ۋە قوغداشقا ئائىت ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

25-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

بۇ كۆرگەزمە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق «ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كۇلۇبى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى نامايان قىلىنغان. ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىدىن ئەتلەس ۋە كانۋا كۆڭلەكلەر، ئەتلەس كۆرپە ۋە ياستۇقلار، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، ساڭزا، پېچىنە قاتارلىق يېمەكلەر، ھەر خىل ماي بوياق رەسىملەر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلار كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

كۆرگەزمىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرى زىيارەت قىلدى، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رايىلە كاشغەرلى خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كېيىن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر قىزى مۇنەۋۋەر گۆكداغ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مول مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىنغان ۋىدىيوسىنى مىسال قىلىپ ئېكراندا كۆرسەتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنەۋۋەر گۆكداغ خانىم مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا پات-پات ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىم بىز ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەدەنىيەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچتۇق، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ياخشى تەسىرى بولدى دەپ ئويلايمەن».

بىز يەنە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تۈرك قىزى لەيلا خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. لەيلا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن 8 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈۋاتىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تاماقلىرى بەك لەززەتلىك، كىيىم-كېچەكلىرى بەك گۈزەل، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئىنسانلارغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بۇ كۆرگەزمىمۇ بەك كۆركەم ئېچىلىپتۇ، ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلدىم، بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان دوستلىرىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن».

لەيلا خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن قايغۇرىمىز، قولىمىزدىن بىر ئىشنىڭ كەلمىگەنلىكى بىزمۇ تېخىمۇ ئازابلايدۇ، بۇ قىيىن ۋەزىيەتنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھېچ قاچان ئۈمىدسىزلەنمەسلىك لازىم، ھەر ۋاقىت ئىشەنچ بىلەن تىك تۇرۇشىمىز كېرەك».

كۆرگەزمىدە سۆھبەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەدىچە ئاسلان ئىسىملىك تۈرك ئوقۇغۇچى، ئۇيغۇر ئەتلەس كۆڭلىكىنى كىيگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇنى ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن كۆرگەن زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن، -سىز ئۇيغۇرمۇ؟ دەپ سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەدىچە ئاسلان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ھاياجانلىق ۋە گۈزەل بىر ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئويلاپ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلارمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىدۇ، خۇدايىم بۇيرۇسا پات يېقىندا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ كېتىشىنى كۈتىمىز» .

بىز يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رايىلە كاشغەرلى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تۈرك خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىمۇ دەرسلىك قىلىپ ئۆگىتىلىدىكەن، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇھىم دەرسلىك ۋە ئاساسلىق پەنلەردىن بىرى بولۇپ دەرس ئۆتىلىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

دوكتور رايىلە كاشغەرلى خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان بۇ مەدەنىيەت پائالىيىتى ھەم بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيە جەھەتتىن ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ، ھەم ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 20 دىن ئارتۇق بۆلۈمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن زىيارەتچىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ۋە داڭلىق ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سەۋىيەلىك ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.