ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.11.29
istanbul-uyghur-mehellisi-02

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-01

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-03

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-04

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-06

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-07

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-05

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-08

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-uyghur-mehellisi-09

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 28-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

كانادا ياردەم جەمئىيىتى IKNA بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا پىلانلانغان 96 تۇرالغۇسى بولغان 6 بىنانىڭ بىر قىسمىنىڭ پۈتۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 28-نويابىر پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە لېنتا كېسىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا كانادا ياردەم جەمئىيىتى IKNA رەئىسى ئىجاز تاھىر، ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، كانادادىن كەلگەن ھەيئەت ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، كانادا ياردەم جەمئىيىتى IKNA نىڭ رەئىسى ئىجاز تاھىر ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەھەللىسى ۋە يېڭىدىن سېلىنغان بىنالار توغرىسىدا توختالدى.

كانادا ياردەم جەمئىيىتى IKNA رەئىسى ئىجاز تاھىر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سىلەر قەشقەردىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەر، بىزنىڭ دىنداشلىرىمىز، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىز سىلەرنى قېرىنداشلىرىمىز دەپ ياخشى كۆرىمىز، چۈنكى بىز بىر ئۈممەتنىڭ ئەزالىرى بولىمىز، مەن شۇ سەۋەبتىن تا كانادادىن بۇ يەرگە سىلەرگە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم، مەن سىلەرنى ئۆز قېرىندىشىم دەپ قۇچاقلايمەن، ھەم سىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغان ساخاۋەتچىلەرگە بۇ توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ سىلەرگە بۇ خىل ياردەملەرنى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىمەن، بىز ھەممىمىز بىر قېرىنداش، دۇنيانىڭ قەيىرىدە قېرىندىشىمىزدىن بىرەرسى ئازاب چەكسە بىزمۇ تەڭ ئازابلىنىمىز، چۈنكى بىز بىر بەدەنگە ئوخشايمىز، بەدىنىمىزنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا قالغىنىمۇ قىينالغانغا ئوخشاش سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىساڭلار بىزمۇ تەڭ ئازابلىنىمىز، بىز شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز».

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىلاندىكى 6 بىنادىن ھازىرچە ئىككى بىنا پۈتۈپ چىققان بولۇپ ھەر بىر بىنا 16 تۇرالغۇ ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا 20 ئۇيغۇر ئائىلىگە ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، قالغان 12 ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تەدرىجىي تاپشۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىنالار ئالدىمىزدىكى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە پۈتىدىغان بولۇپ، بىنالارنىڭ ھەممىسى پۈتسە جەمئىي 96 ئۇيغۇر ئائىلە ئولتۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشىدىكەن.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز، بۇ ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىجتىمائىي توپلۇق ھاسىل قىلىش ۋە يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەسلىمىزنى، يىلتىزىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان بالىلىرىمىزنى پەننىي، دىنىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلەش. مۇشۇ يەردە ھەممىمىز قېرىنداش بولۇپ غېرىبلىقتىكى روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، بىر بىرىمىزگە ئىگە چىقىپ مۇشۇ يەرگە توپلىشىپ ياشىساق، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس مەھەللىۋى كۈلتۈرىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز».

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يەنە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىككى دانە تىككۈچىلىك كارخانىسى ۋە رەخت توقۇش زاۋۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا ئىشلەش ئىمكانى يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

يېڭىدىن ياسالغان بىنالار كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن سېلىنغان بولۇپ، بۇ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئەرزان باھادا ئىجارىگە بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسى ئۇيغۇر سودىگەر-ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 2015-يىلى سېلىمپاشادا ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك مەكتىپى ۋە ياتىقى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىنى، مىللىي ۋە ئىلىم-پەن بويىچە تەربىيەلەش ۋە قوللاشنى مەقسەت قىلغان بۇ ياتاقلىق مەكتەپ 9 يىلدىن بۇيان ئوقۇ-ئوقۇتۇش مائارىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتىغا يېقىن يەردە راھەت قورۇسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئولتۇراق رايونى قۇرۇلغان بولۇپ ئۇ يەردە ھازىر 90 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى ئولتۇراقلاشقانىكەن.

ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى سېلىنغان بىنالاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى قوشقاندا ھازىر ئۇيغۇر مەھەللىسىدە 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى، ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.