ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.01.08
istanbul-yermenke-13 ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

6-7-يانۋار كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئاي بىلىك خانىم-قىزلار مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاي بىلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى، ئۈستىگە شېئىر يېزىلىپ توقۇلغان گىلەملەر، ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۇرۇپ يېزىلغان ھۆسنى خەتلەر، ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى ۋە ئاللانىڭ سۈپەتلىرى ئويۇلغان رامكىلىق لەۋھەلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مىخ تاختا قول ھۈنەر سەنئەت ئۈلگىلىرى نامايان قىلىنغان يەرمەنكە ئېچىلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

بۇ يەرمەنكە ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلدى ۋە قولى چېۋەر ئۇيغۇر قىزلارنىڭ مىخ تاختا بىلەن ياسىغان بايراق ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بەس-بەستە سېتىۋالدى.

تۈركچە فولوگرافى، ئۇيغۇرچە مىخ تاختا قول ھۈنەر سەنئىتى دەپ ئاتىلىدىغان سەنئەت تۈرىدە ياغاچ تاختىنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل رەڭدىكى رەختنى چاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىخ قېقىپ ئىنچىكە پىلاستىك سىم ياكى يىپ بىلەن نەقىش ياسىلىدىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا بۇ خىل قول ھۈنەر سەنئىتى ئەڭ باشتا ئەرەب ئەللىرىدىن تارقالغان بولۇپ، كېيىنچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋردە كەڭ ئومۇملاشقان ئىكەن.

بىز بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سەبىھە خانىم، مىخ تاختا قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ياغاچ ساندۇق ۋە ئىشكاپلارنىڭ ئۈستىگە مىخ قېقىش ئارقىلىق ھەر خىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ياساپ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ كېيىن باشقا رايونلارغىمۇ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يېتەكچىسى مۇنىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزلار بىر يىلدىن بۇيان مىخ-تاختا نەقىشلەش، كەشتە توقۇش، گىلەم توقۇش، ياغاچتىن ھەر خىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ياساش دېگەندەك ساھەلەردە دەرسكە قاتنىشىپ، ھەر خىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك نەمۇنىلىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بۇ يەرمەنكىگە قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

مۇنىرە خانىم، مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت يەرمەنكىسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز پۇل تېپىپ كىرىم قىلىش ئەمەس، بۇلارنىڭ باھاسىنىمۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە قىلدۇق، ماتېرىيال باھاسى دېسەك بولىدۇ، ماتېرىياللارنى بىز تەمىنلەپ بېرىمىز، قىزلار مەركىزىدىكى بالىلىرىمىز ئۆزلىرى ئۆگەنگەن ساھەلەر بويىچە ياسايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر ھۈنەرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۆگىتىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە بەلكى شۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن ۋە ياكى ياخشى ئوقۇپ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن تەقدىردىمۇ مۇشۇ ھۈنەرنى قوشۇمچە قىلىپ بوش ۋاقتىنى قىممەتسىز، كېرەكسىز نەرسىلەرگە سەرپ قىلماستىن مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ۋاقتىنى قىممەتلىك ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ مۇشۇ ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، قىزلارمۇ بەك قىزىقىپ ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا ھەر خىل كۇرسلارغا قاتناشتى» .

مۇنىرە خانىم ئۆزلىرىنىڭ، نۆۋەتتە ئۆسمۈرلەر تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا بېرىلىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت، قول ھۈنەر سەنئەتلىرىنى ئۆگىتىش ۋە ياسىتىش بىلەن ئۇلارنىڭ زېھنىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەم قول ھۈنەر سەنئەتلىرىگە ماھىر بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

مىخ-تاختا قول ھۈنەر سەنئىتى ئوقۇتقۇچىسى سەبىھە خانىم سۆزىدە، بۇ ھۈنەر-سەنئەتنى ھەم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۆگىتىش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھۈنەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامىنە ئىسىملىك ئۆسمۈر قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىخ-تاختا سەنئىتى ۋە كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى مىخ-تاختا بىلەن ياساپ بۇ يەرمەنكىگە قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يەرمەنكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەريەم ھاجىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە 30 يىلدىن بۇيان تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەرمەنكىدە قويۇلغان ھەر خىل قول-ھۈنەر سەنئەتلەرنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چېۋەر قوللىرى بىلەن ياسىغان سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 6-يانۋار، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىگە ئارقا سەپتە تۇرۇپ ياردەمچى بولۇۋاتقان ئوبۇلقاسىم قاراقاش ئەپەندى، ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىدە ھازىر 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئايبىلىك خانىم-قىزلار تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يېتەكچىسى مۇنىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايبىلىك خانىم قىزلار تەربىيەلەش مەركىزى 2016-يىلى زەيتىنبۇرنۇدا قۇرۇلغان. مەركەز ئەسلىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆسمۈر قىزلىرىغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دەرسلىرىنى تەكرار قىلىپ بېرىش ۋە قوشۇمچە دەرس ئۆگىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىكەن. بۇ مەركەز 2022-يىلى سەلىمپاشا رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جايدا ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىگە مەكتەپ دەرسلىرىنى تەكرارلاپ بېرىشتىن سىرت يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەتلىرىنى ئۆگىتىش يولغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.