ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىتالىيەگە خىتاب: «ئىتالىيە چوقۇم خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.04.30
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىتالىيەگە خىتاب: «ئىتالىيە چوقۇم خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك» ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغاندى.
Yettesu

ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭمۇ بۇ قارارنى ئېلىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. 29-ئاپرېل ئامېرىكانىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر جامائىتى» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم قاتنىشىپ، ئىتالىيەدىكى سىياسىي ئەربابلار ۋە خىتاينىڭ خەتىرىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ھەر ساھەدىكى ئىتالىيە ئاممىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاكىت-مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىتالىيە خىتايغا قوينىنى كەڭ ئاچقان، ئەمما خىتاينىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان بىر دۆلەت؛ خىتاي كارخانىلىرى ئىتالىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، خىتاي ۋىرۇسى كۆپلىگەن ئىتالىيەلىكلەرنىڭ جېنىنى ئالدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت دەل ئىتالىيەلىكلەرگە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشنى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم پائالىيەت، يەنە كېلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە».

روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى، بۇ دۇنيادىكى ھەق-ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ جىنايەتنى تونۇش كېرەكلىكىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاباھەتلىك جىنايەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ ۋەھشىي ۋە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاكىتلار بىلەن بىرمۇ-بىر بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈم تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ جىنايەتكە ھېلىھەم سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقان ۋالكس ۋاگېنغا ئوخشاش شىركەتلەر، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇھىم ئەمەلدارلار، تاراتقۇلار، تەسىرى بار ئالىملار ۋە چوڭ كارخانىچىلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇشقا، سۈكۈت قىلىشقا، ھەتتا ئىنكار قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى؛ شۇنداقلا «تەنتەربىيەنى سىياسەتكە ئارىلاشتۇرمايمىز» دەپ يۈرگەن خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى ئەيىبلەپ: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ قايسى بىرى سىياسىي ئەمەس؟ خىتاينىڭ بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى سىياسىي مەقسەتتىن ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

روشەن ئابباس خانىم ئىتالىيە خەلقى ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز چېگرا توساقلىرى ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن ۋە بىز كۆرۈپ باقمىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانىي قېرىنداشلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بۇ دۇنياغا ئاپەت ۋە ئۇيغۇرلارغا تەھدىت بولۇۋاتقان رەزىل كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقىنى بىت-چىت قىلىشىمىز كېرەك؛ بىز ئۆز ئاۋازىمىز بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئويغىتىشىمىز، ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز، جانلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. دۇنيا خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا. ئەمما مەن بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ كېلەچىكىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىشىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار بۇ قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشالايدۇ».

روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا خىتاينىڭ بۇ بالايى ئاپىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ ئىتالىيە، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىتالىيەلىكلەرنى بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.

رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ يىغىندا ئاساسەن بىر سەنئەتكار ۋە پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كەلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە يوقىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ۋە چەت ئەلدىكى سەنئەت ھاياتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولىنى بايان قىلدى. ئاندىن دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، بۇ تىلدا سۆزلەيدىغان خەلق ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى، ئەگەر بۇ تىل ۋە مەدەنىيەت يوقىلىپ كەتسە، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەھىمە خانىم ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىسمانىي زۇلۇم ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقنى سۆزلەش بىلەن بىرگە مىللىتىمىزنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە كۆز يۇمغان تەقدىردە دۇنيانىڭ نېمىلەرنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيشۇناس رافائىل لەمكىن ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەت بىر مىللەتنى جىسمانىي جەھەتتىن ئۆلتۈرۈشلا ئەمەس، روھىي جەھەتتىن ئۆلتۈرۈش، يەنى ئېتنىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن يوقىتىپلا قالماستىن، ئۇلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مەنىۋى دۇنياسىنىمۇ يوق قىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈردۈم».

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۆتكەن ئايلاردا بېنگال ۋە ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنىكەن، كېيىنكى ئايلاردا گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.