ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.20
lager-mesilisi-yawropa-parlament.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 19-مارت، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 19-مارت مەخسۇس جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ قوللىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 19-مارت «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى توماس مان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گۆتېر، پروفېسسور مارى ھولىزمان قاتارلىقلار دوكلات تەقدىم قىلغان.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 مىڭ كىشىلىك زور نامايىشتىن كېيىنكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان 5-قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى، 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىتراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي يىغىنىدا 600 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مۇشۇ ئۇچرىشىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا زۆرۈر بولغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ ئۇچرىشىشقا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قاتنىشىدىكەن.

خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئاخىرلىشىپلا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دىيالوگدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

بۇ قېتىم يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلىشقان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى تۈركۈملەپ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىشتەك خەتەرلىك، پاجىئەلىك بىر قەدەمنى بېسىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ب د ت دەرھال چارە-تەدبىر قوللانمىسا، سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا پەرەز قىلىنىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە يولۇقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئىزاھلاپ، مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى قوۋم-قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ھالا بۈگۈنگە قەدەر ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.