جەنۋەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

9-ئاپرىل جەنۋەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، شىۋېتسارىيە، فرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق بىرلەشمە مۇنبەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ھەمدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى بۈگۈن جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان.

نامايىشنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق بىرلەشمە مۇنبەردىن كامپاخ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق مەشھۇر خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى، شىۋېتسارىيەدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئادالەت» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

بىز ئالدى بىلەن مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بۇ نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. يىللاردىن بۇيان شىۋېتسارىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندىلى ئەپەندىمۇ بۇ نامايىشقا ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

نامايىش ب د ت بىناسى ئالدىدا سائەت 12:00 دا باشلانغان. 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشتا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇنداق زالىم بىر ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئۇيغۇرلارغا ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بىزگە نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەم نەق مەيدان ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھېبىبۇللاھ ئەپەندى بولسا بۇ بىرلەشمە نامايىشنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نامايىش مەيدانىدىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەللىك نامايىشچىلار يۈزلىرىگە نىقاپلارنى تاقاپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «تەكرارلانمايدۇ، قايتا يۈزبەردى»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېگەندەك تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى ۋېۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتكەن شەكىلدە نامايىش مەيدانىغا كىرگەن. ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا ماسلاشقان.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى كەرىم شەرىف ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ چەت ئەللىك ياشلارنى ئاساس قىلغان بۇ بىرلەشمە نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.