قانۇن مەسلىھەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت: «سۈكۈتۈمنى بۇزدۇم، ئاۋازىمنىڭ يېتىشىچە خىتاي زۇلۇمىنى ئاشكارىلايمەن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.01.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Suriye_Tursun-Jewlan-Shirmemet.jpg جەۋلان شىرمەمەت ئاپىسى سۈرىيە تۇرسۇن بىلەن بىرگە.
Photo: RFA

2011‏-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن جەۋلان شىرمەمەت ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن قانۇن مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر ئۇنى بىئارام قىلغان ۋە ئازابلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن ئىلىم ۋە ئىقتىسادىي ساھەسدىكى نەتىجىلىرى بىلەنلا خىزمەت قىلىش قارارىنى بەرگەن. ئۇ تۈركىيەدىكى 8 يىللىق ھاياتىدا خىتايغا قارشى ھەركەتلەردىن باشتىن-ئاخىر ئۇزاق تۇرغان. ئەمما بۇ ئۇزاق تۇرۇش ئۇنىڭ ئاپىسىنى 5 يىل كېسىلىشتىن، دادىسىنى لاگېردا كېسەل بولۇش قىسمىتىدىن ساقلاپ قالالمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ 2020-يىلى كىرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا يېڭىدىن بىر نىشان، يېڭىدىن بىر سەھىپە ئېچىشقا قارار بەرگەن ھەم ھەركەتكە ئۆتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلىدىن بۇيانقى لاگېرلار مەسىلىسى چەتئەلدە يىللاردىن بېرى ئىلمىي ۋە تىجارىي ساھەدىلا ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرى مۇھاجىرەتتىكى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلاردىن مەريەم سۇلتان، تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى ھەمدە تىجارەتچى گۇلجامال خانىم قاتارلىق كىشىلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي، ئاممىۋىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلانغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بىرقانچە مىسالدۇر.


تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.