ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى ئۈستىدىن «جىنسىي پاراكەندىچىلىك» شىكايىتى قىلغان ئايال ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىدە مۇشۇنداق قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى شىكايەت قىلغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتچى «خىتايغا ياردەملەشكەن» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىدىكى بىر پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بىر يېتەكچىسىنى ئۆزىگە نامۇۋاپىق ئۇچۇرلارنى يوللاش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئاشۇ يېتەكچىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن كېلىۋاتقان ھاقارەتلىك تەنقىدلەر بىلەن ھەپتىلەرچە ئاۋارە بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھال ئاشۇ كىشى ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئاشكارا سورىغان ناماقۇللۇقتىن يېنىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەن.

بۇ ئىختىلاپ ماي ئېيىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى تىجارەتسىز ئاخبارات ئورگىنى بولغان NOTUS نىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ساھەسىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ تەپسىلاتى شىكايەت قىلىنغان ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەۋجىگە چىقتى.

مەزكۇر ماقالە بىئاراملىققا سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە تېزلا پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا كەسكىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. ئايال شىكايەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلار ئەيىبلەنگۈچىنى ھېمايە قىلىپ، شىكايەتلەرنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

NOTUS نىڭ ماقالىسىدىكى كۆپلىگەن شىكايەتچىلەر نامسىز بولسىمۇ، ئىزچىل ئۇيغۇر داۋاسىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان بېلگىيەلىك تۈرك ئوقۇغۇچى ئەسما گۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ نامۇۋاپىق قىلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان.

شۇنىڭدىن بىرنەچچە ھەپتە ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئېيتىشىچە، ئەسمانىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلغانلىقىنى ھېمايە قىلىشلار بىردىنلا «ھاقارەتلىك» ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇ بەكمۇ ئەندىككەن ۋە كۆڭلى ئاغرىغان. يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسما گۈن مۇنداق دەيدۇ:

«ئىشلارنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك يوسۇندا بولماسلىقى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. ئۇلار بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىدى، يەنە كېلىپ ئۇلار كىشىلەرنىڭ بىر ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشىغا، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بەكمۇ چوڭ ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلمىدى. ھازىر ھەممە ئەيىبلەشلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا ئارتىلىپ قېلىۋاتىدۇ. »

24-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سۆھبەت زىيارىتىدە دولقۇن ئەيسا ئۆزىنى ئاقلىغان ھەمدە ئەسما گۈنگە ئۇچۇر يوللىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى زادىلا ئېسىدە يوقلۇقىنى ئېيتقان. گەرچە ئۇ ئەسما گۈننى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ ئۆزى ۋە باشقىلار ھەققىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك شىكايەتلىرىنىڭ خىتاي سۈيىقەستى ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتى شۇنىڭدىن كېيىن توردىن ئېلىۋېتىلدى.

NOTUS نىڭ ماقالىسىدا نۇقتىلىق قىلىپ دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر بايان قىلىنغان ئىدى. نۇرى تۈركەل شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.

بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئەڭ زور تەپسىلاتى ئەسما گۈننىڭ NOTUS تورى بىلەن ھەمبەھىرلەشكەن يازما ئۇچۇر خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا «سىزنى بىر سۆيۈۋالغۇم بار» دېگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى كۆپ قېتىملاپ سورىغان. شۇ ۋاقىتتا 22 ياشقا كىرگەن ئەسما گۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ھېچقاچان د ئۇ ق بىلەن ئىشلەپ باقمىغانلىقىغا قارىماي 2019-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەرگە بىر پائالىيەتچى ۋە سۈرەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

د ئۇ ق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بايراقدار تەشكىلاتلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارەت سۆھبىتىدە دولقۇن ئەيسا «ئەسما گۈن يازما ئۇچۇر ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرسەتمىدى» دېگەن. شۇنداقلا بۇنداق تالاش-تارتىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە مەنپەئەت قازانغۇچىنىڭ خىتاي بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«شۇنداق بىر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ بولغان-بولمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى <جىنسىي پاراكەندىچىلىك> دەپ ئاتىشىمۇ ئادىل ئەمەس. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدا ئالىدىغىنى خىتاي. چۈنكى خىتاينىڭ بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. »

مەزكۇر زىيارەت سۆھبىتىدىن كېيىن ئەسما گۈن ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ X بېتىدە LinkedIn ۋە Instagram نىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىلىرىغا دولقۇن بىلەن ئالماشتۇرغان ئۇچۇرلاردىن تارتىلغان ئېكران سۈرەتلىرىنى يوللىغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا سۆز قىلىپ «مەن ئېكران سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەشنى خالىمىغان ئىدىم. . . مەن ئۇنى ئىزا تارتقۇزۇشنى خالىمىدىم. . . . يەنە كېلىپ نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئادەم مەن بولمىساممۇ بۇ ئىشلاردىن يەنىلا نومۇس قىلدىم» دېدى. ئەمما «ئۇ (دولقۇن) خىتاي سۈيىقەستى ھەققىدىكى سۆزلەرنى قىلدى. . . مەن ئۆزۈمنىڭ خىتاي جاسۇسى ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كېيىنچە بۇ ئېكران سۈرەتلىرىنى تىۋېتتېر سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىدىم. »

دولقۇن ئەيسا ئەسما گۈنگە يوللىغان ئۇچۇردا ئۇنى «سىز ھەرقاچان مېنىڭ ئوي-خىيالىمدا» دېگەن، شۇنداقلا «سىز بىلەن سۆزلەشكۈم بار. سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار، جېنىم» دېگەن. بۇ ئۇچۇرلار بىردەك تۈركچە ييزىلغان.

ئەسما گۈن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ، دوستلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن «سىز بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشتىن ئىككىلىنىۋاتىمەن» دېگەندە دولقۇن «بىزنىڭ كۆرۈشكەنلىكىمىزنى مەخپىي تۇتساق تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ » دېگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ ئېكران سۈرەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا دەلىللەپ چىقمىدى. ئەمما ئۇلار NOTUS تورى دەلىللىگەن ۋە ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلار بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ.

NOTUS تورىنىڭ دوكلاتى چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دولقۇن ئەيسا ئېنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىپ «جىددىي خاتالارنى تەن ئېلىش مەجبۇرىيىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە شەرتسىز ئۆزرىخاھلىق ئېيتىمەن» دېگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى بىلەن بولغان سۆھبەت زىيارىتىدە بولسا دولقۇن ئەيسا بۇ ئۆزرىخاھلىق بايانلىرىنى قايتۇرىۋېلىپ «مەن زىيان-زەخمەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن ئىدىم» دېگەن. سۆھبەتتە ئۇ «بىز باشقىلار بىلەن كۆپ قېتىملاپ مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن نام-شەرىپىمىزگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن ناۋادا بۇ شىكايەت راست بولۇپ چىقسا ئاندىن ئەپۇ سوراشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەت سۆھبىتى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە قارىتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سۆزچىسى ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا رادىيونىڭ بىر قېتىملىق تەھرىرات تەكشۈرۈشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى بارلىق تور سۇپىلىرىدىن ئېلىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا مەزكۇر زىيارەت سۆھبىتى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئەسما گۈنگە بۇ توغرىسىدا پىكىر قىلىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. رادىيونىڭ سۆزچىسى بۇنىڭغا قوشۇمچە تەرىقىسىدە ئۆزلىرىنىڭ تەھرىرات تەرتىپىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ توردىن ئېلىۋېتىلىشىگە قارىتا قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى سورالغاندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قوشۇمچە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قىسىلىپ كىرىشى

دولقۇن ئەيسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1990-يىللىرى خىتايدىن قېچىپ چىققان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «تېرورچى» دەپ ئېلان قىلغان. ئۇ 2017-يىلىدىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇپ كەلگەن. دەل ئاشۇ يىلىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى تېزدىن ئەۋج ئالغان بولغاچقا كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر بۇنى «قىرغىنچىلىق» دەپ خۇلاسىلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە دولقۇن ئەيسا قىلچە ئىككىلەنمەستىن NOTUS تىكى مۇنازىرىنى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ھەقلىرى كۈرىشىنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشىغا باغلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «زىيارەتنىڭ بېشىدا سىز خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا تۆھمەت قىلىش ياكى ئوبرازىمنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنلىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باققانلىقىنى ئېيتتىڭىز. ئەمىلىيەتتە بۇ خىلدىكى ئىشلار كۆپ قېتىملاپ بېشىمىزدىن ئۆتكەن» دېگەن.

ئىجتىمائى تاراتقۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش نەتىجىسىدە خىتايپەرەست تور ھۇجۇمچىلىرى ۋە تور پروگراممىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقتىن پايدىلىنىپ دولقۇن ئەيساغا ۋە ئۇيغۇر ھەقلەر كۈرىشىگە كۆپ قېتىملاپ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكى ئايان بولدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ خىتايدا مەنئىي قىلىنغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ X (بۇرۇنقى تىۋېتتېر) تا بۇ ھەقتە بىر يازما ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تالاش-تارتىشقا قىسىلىپ كىردى. ئەمما NOTUS نىڭ ماقالىسىدا تىلغا ئېلىنغان ھېچقايسى ئايالنىڭ خىتاي سۈيىقەستى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر ئالامەت بايقالغىنى يوق.

« [ئەگەر كىشىلەر] بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن ئىشلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرسا ھەمدە ئۇلاردا ئازراق ھېسداشلىق تۇيغۇسى بولسا مېنىڭچە بۇلارنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچە قىيىنغا چۈشمەيدۇ. » ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەسما گۈن شۇنداق دەيدۇ. «ئەگەر ئۇلار مېنى دولقۇننىڭ يېنىغا قويۇپ تۇرۇپ كىمنىڭ قولىدا ھوقۇق بارلىقى، كىمنىڭ ئاۋازى چىقىدىغانلىقى، كىمنىڭ ئىشلارنى جىمىقتۇرالايدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرۈپ ئىشلارنى جۆندەپ كېتىدىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرسىلا كىمنىڭ مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى خاتا يۆنۈلۈشكە باشلاپ كېتىۋاتقانلىقى مانا مەن، دەپلا ئاشكارا بولىدۇ. ئەمما مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن ئەمەسمەن. »

ئەسما گۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى PDF ھۆججىتىنى ھەمبەھىرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مودا دۇنياسىدىكى تەدبىقلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن تور پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىر يۈرۈشىدە دۇنياغا داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى خام ئەشيا قىلغانلىقى ھەجۋى ئېلان شەكلىدە نامايان قىلىنغان. بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرىدە ئەسما گۈن خۇرۇم ئۆتۈك كىيىۋالغان بولۇپ، بۇنى «يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلەنگەن» دەپ تەسۋىرلىگەن. يەنە بىر سۈرەتتە بولسا ئۇ قارا رەڭلىك تەنتەربىيە مايكىسى كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قىيناش بەدىلىگە ئىشلەنگەن» دەپ يېزىلغان.

Instagram دىكى باشقا بىر يازمىدا بولسا ئەسما گۈن قىزىل رەڭلىك سىر ئارقىلىق كۆزلىرىدىن قانلىق ياش سىرغىۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى زاھىر قىلغان. بۇ رەسىمدە ئۇنىڭ ئاغزى قىزىل پىلاستىر بىلەن كېسىشتۈرۈپ چاپلىۋېتىلگەن. مەزكۇر رەسىمنىڭ ئاستىغا «مېنىڭ ئىسمىم ئەسما. مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈركلەردىن بولىمەن» دەپ چۈشەندۈرۈش يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمدەرتمەن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئۇ شۇنداق يازغان: «مۇشۇ ئارقىلىق مەن زامانىمىزدىكى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان تۈركلەر ھەققىدىكى تونۇشنى ئۇلغايتىشنى ئىستەيمەن. »

تەھرىر: مەت پېننىڭتون