مۇتەخەسسىسلەر: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نىڭ كۈچەيتىلىشى ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىشتۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.09.03
خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈۋاتىدۇ
Yettesu

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتاي مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدىكى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى بارغانچە كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن ناملاردا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان، 15-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى10-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس قارار ماقۇللانغانىدى. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 29-ئاۋغۇست كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، شۇ كۈنى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 1-قېتىملىق خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ماشىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ما شىڭرۈي سۆزىدە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشتا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» تېمىسىدا چىڭ تۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

چەت ئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن تۈركىيە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان تەكىتلىنىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» سىياسىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداش» قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى قانۇن ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىش، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن «يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىدىن يۈز بېرىدىغان «خىتايدىن ئايرىلىش» يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «خىتايدىن بۆلۈنۈش» كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نى كۈچەيتىش ھەققىدە توختىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش، چوڭقۇر مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋە مائارىپ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن بايانلار بېرىلگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈش» نى مەتبۇئات، مائارىپ ۋە باشقا ھەر خىل ئۆگىنىش ئۇسسۇللىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەنلىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن، «ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئۆزگەرتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا بولغان تەۋەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەم يوق قىلىش» دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىشىدىكى سىياسىي مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» سىياسىتى، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە مەجبۇرىي تېڭىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە، قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بۇيرۇقلىرى شەكلىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتايدىن پەرقسىز ھالەتكە ئەكېلىشنى يەنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان خىتايلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى سىياسىتى» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق قىلغان ئىلگىرى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشتۇر، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.