كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى توغرىلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان

0:00 / 0:00

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە كانادادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش بويىچە 3 كۈنلۈك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتتە كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەلەپ قىلىىنغان.

3 كۈنلۈك پائالىيەت 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كانادا پارلامېنتى ئالدىدا باشلانغان. «ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» باشلىقى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا قۇرۇلغان مۇنبەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سۈرەت ۋە مەلۇماتلىرى ئورۇن ئالغان مۇنبەر تەييارلانغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە كانادا پارلامېنت ئەزالىرى قىزغىن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلغان.

كانادا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيىتىگە قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇرلار. 2021-يىلى 23-نويابىر.
كانادا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيىتىگە قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇرلار. 2021-يىلى 23-نويابىر.

مەزكۇر پائالىيەتكە تېخى يېقىندا «خەلقئارالىق خالىفەكس خەۋپسىزلىك كېڭىشى» دىن ئىبارەت مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىپ قايتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ پائالىىيەت مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كانادانىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا قارىماي ئۆزلىرىنى قوللاپ بۇ يەرگە كەلگەن كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان كونكىرېت تەلەپلىرىنى تونۇشتۇردى.

دولقۇن ئەيسا بۇ 3 كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى، كانادانىڭ پېنسىيە مەبلىغىنى خىتاي شىركەتلىرىدىن يۆتكەشنى ۋە شۇنداقلا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قايتۇرۇپ كېلىش، شۇنداقلا خەتەرلىك دۆلەتلەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 23-نويابىر كۈنى كەچتە يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدىكى كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسسىلەر سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مۇھاكىمە يىغىنىدا مايكىل چوڭ، سامىر زۇبېرى ۋە ئالېكس برۇنېل دۇسەپپى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى، ئوتتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جون فرېدرىك پەكىر ۋە مارگارېت جونستون قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئاخشىمى يەنە كانادا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دىكى 30 دەك پارلامېنت ئەزاسى بىرلىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كاناداغا كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان.

كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن قانۇن چىقارغۇچىلارنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» غا تېزلىكتە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

«ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتلەر كانادادىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان. كانادانىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىدىن «يەر شارى ۋە مەكتۇبلار» گېزىتى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كانادادىن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى» ماۋزۇسىدا خەۋەر بەرگەن. «تورونتو قۇياشى» گېزىتى بولسا «پارلامېنت ئىشقا چۈشكەندە كانادادىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنى خىتاينى بويقۇت قىلىشقا چاقىردى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەن.