دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.21
دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلدى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو(Justin Trudeau) يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 21-دېكابىر، كانادا.
REUTERS

كانادادا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيرى ئەپەندى كانادا ھۆكۈمىتىنى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تەكلىپ لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.

كانادانىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى دەل 2022-يىللىق دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، ۋاقىتلىق پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاز دېگەندە 10 مىڭ نەپەر ئۇيغۇرنى كاناداغا ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ھەققىدە رادىيومىزغا مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە ھەرقايسى پارتىيەلەرگە تەۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى بولغانلىقتىن بۇ لايىھەنىڭ توسالغۇسىزلا ھۆكۈمەتكە يوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەكلىپ بۇ يىل كۈزدە مۇنازىرە قىلىنىدىكەن، گەرچە بۇ تەكلىپ لايىھەسى مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ ئەمما پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيرى ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئايلاردا بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ تەكلىپ لايىھەسى رېئاللىققا ئايلانسا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسمىيەتسىز تۇرۇۋاتقان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. بۇ كىشىلەر كانادانىڭ دۆلەت كاپالىتى بىلەن ۋە ھەتتا كانادادا ئولتۇرۇشلۇق رەسمىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە كاناداغا ئېلىپ كېلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ھەم شۇنداقلا كانادا، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى دەرھال خاتىرجەم دۆلەتلەرگە يۆتكەپ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنى يوقىتىشقا چاقىرىپ كەلگەن.

20-ئىيۇن خەلقئارا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارادىكى 20 دىن ئارتۇق مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

چاقىرىقتا بىرقىسىم دۆلەتلەردە ۋاقىتلىق پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ھېچقانداق قانۇنىي كاپالىتى بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە شۇ دۆلەتلەردىكى دائىرىلەرنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. چاقىرىقتا يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دەرھال قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى يولغا قويۇشى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق جىنايى ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەمەت توختى ئەپەندى بولسا ھازىر كانادادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، جۈملىدىن كاناداغا يۆتكەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرگە كۆچۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھوشيارلىقىنى ساقلاشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىمۇ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ، 15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش خەۋپى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىنىڭ خەۋپى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغانىدى. بۇ يىغىندا مەجلىس ئەزالىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلىنىشىنىڭ يولىنى ئېچىش، ئۇيغۇرلار ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندەش ۋە تېز ئارىدا ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەشتەك تېمىلار ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى نەپەر ئەمەلدارى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىغا ۋەدىسىنى بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.