تۇرپاندا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن كارىزلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كارىز بۇزغۇنچىلىرىنى توسقان ۋە ئۈستىدىن ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئەھۋال مەلۇم قىلغان يار يېزىسدىكى بىرقانچە ئاھالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن داۋامىدا ئاھالىلەردىن بىرى، ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان بۇ ئەنئەنىۋىي سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇكىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، تۇرپاننىڭ يار يېزىسىدا كارىز بۇزغۇنچىلىقى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ئەڭ ئاۋۋال بۇزغۇنچىلارنى ئەمەس، بەلكى ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ئاھالىلەرنى سوراققا تارتقان ۋە ئۇلارغا تەھدىت سالغان. بىز بۇ ئاھالىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تۇرپاندىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تۇرپان يار يېزىسىدىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خادىمى، بۇ دېلوغا ئاھالىلەركومېتىتى مۇدىرىنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر ئاھالىلەرنىڭ بېشىغا بىر ئاۋارىچلىق كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار كارىز بۇزغۇنچىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئەرزىيەت ئىدارىسغا بارغان 10 نەچچە ئاھالىدىن ئايشەمگۈل پازىل، ئابلەھەت ياسىن ۋە تۆمۈر سەمەت قاتارلىق 4 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. دېيىلىشىچە، ئۇلار «سەلبىي ئۇچۇر تارقىتىش» ۋە «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان. ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى، كارىزلارنى قوغداش ھەققىدە ھۆججەت بارلىقى، شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن كارىزلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىشىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ بىر تۇتقۇندىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر ئاھالىلەرنى ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ياندۇرۇپ كەلگەن يېزا كادىرلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان بىر ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار شۇ كۈنى بىرقانچە ئاھالىنىڭ قول تېلېفونى ۋە كىملىكىنى يىغىۋالغان، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئاھالىلەرنى نۆۋەت بىلەن ساقچىخانىغا چاقىرتىپ سوراق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يار يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇزۇلغان كارىز ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ يىغىن ئاچقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەرزىنىڭ يۇقىرىدىن كەلگەن بىر تەلىمات بىلەن خاراكتېرى ئۆزگەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئاندىن ئاھالىلەردىن 4 نەپىرىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن. ساقچىخانىغا ئەكتىلگەنلەر تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.
تىك-توكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، يار يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم كارىزلار، يېزىدىكى 20 نەچچە ئائىلىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا رەسمىي توختام ئارقىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى كارىزلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان، نەتىجىدە ئاھالىلەر بۇ كارىزلارنى قوغداش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىقتىسادىي چىقىم ۋە بەزىدە جان بەدىلى تۆلىگەن. ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئىنىسى دەل شۇ تىندۈرىۋېتىلگەن كارىزلارنى تازىلاش داۋامىدا قازا قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەردىن ئابلەھەت ياسىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەرزنى پەرزەنتلىرى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كارىزلارنى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا تۇرپاندا كارىز بۇغۇنچىلىقىغا قارشى تۇرغان بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ «سەلبىي ئۇچۇر تارقىتىش» ۋە «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.