«ئۇيغۇرلار ئۆلۈشنى رەت قىلغان خەلق» ناملىق كارتون رومان نەشر قىلىندى
2022.12.02

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يېزىلغان «ئۇيغۇرلار ئۆلۈشنى رەت قىلغان خەلق» ناملىق 150 بەتلىك كارتون رومان فىرانسىيە مارابۇت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
كىتابنىڭ كارتون تەسۋىرلىرىنى كارتونىسىت ئېلىئوت فرانك(Eliot Franques) سىزغان بولۇپ، رومانىنىڭ ھېكايە قىسمىنى تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە رېژىسسور ئېرىك داربرې(Eric Darbré) يازغان. كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كىيىن فىرانسىيە ياشلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
ئېرىك داربرېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقى 1996-يىلى ھازىرقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق باشلانغان.
25 يىللىق ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخباراتلاشتۇرۇش كەسپى ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئېرىك داربرې كىتابىدا ئۆز كەسپى ھاياتىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن. كىتابتا ئېرىك داربرېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش جەريانىدىكى ژۇرنالىسىتلىق كەسپى ھاياتىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر باش تېما قىلىنغان.
فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدە ئاڭلىتىش بېرىدىغان خرىستىئان رادىيوسى (RCF) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«بۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئاۋاز ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئاخباراتچىلىق كۈرىشىنىڭ ھېكايىسى».
بىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنالىسىت ۋە رېژىسسور ئېرىك داربرې ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئېرىك ئەپەندى كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى ۋە ئاساسىي بىر ئېقىمغا ئايلاندى. بىز بۇ كىتابنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كرىزىسىنى تېخىمۇ ئاسان ۋە جانلىق سەھنىلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېزىپ چىقتۇق».
مەزكۇر كىتابنىڭ كارتونىستى ئېلىئوت فرانكنىڭ ئېيتىشىچە، كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قورقۇنچلۇق زۇلۇمنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئازاب چېكىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشقان. كارتونىسىت ئېلىئوت فرانك بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېرىك داربرې ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى كارتون تەسۋىرىي رومان ئارقىلىق ئاڭلىتىش تەكلىپىنى سۇندى. مەن ئېرىك بىلەن بىللە بۇ روماننى پۈتتۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئېرىكنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ مەركىزىدە ئىدى. مەن بۇ جەرياندا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم».
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئەزالىرىدىن مارگۇ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ كىتاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ كارتون روماندا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ژۇرنالىستنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆز سەپىرىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى ۋە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى.
كىتاب بىر كارتون رومان بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياشلارغا، ئۆسمۈرلەرگە ۋە چوڭلارغا ئەڭ ئامىباب شەكىلدە ئاڭلىتىپ بېرەلىگەن. كىتابتا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تىبەتلەر ھەققىدىمۇ بىر قانچە بەت بار».
ئېرىك داربرې فىرانسىيە ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ياشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىنى بىلىدۇ. بولۇپمۇ ھەر خىل ماقالىلەر، دوكلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرى بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىدى.
مېنىڭچە فىرانسىيە ياشلىرىدا بۇ مەسىلىگە قارىتا سەزگۈرلۈك ۋە قىزىقىش مەۋجۇت. مەن فىرانسۇزلارنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى باش تېما قىلىنغان ھەر خىل ئەدەبىي ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى روياپقا چىقماقتا.