كېسەلچان مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۈرمىدە ئۈزۈم تاسقاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.01.02
urumchi-3-turme.jpg داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە ئېغىر كېسەل ھالەتتە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر، يېقىندا يۇرتىدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن دورا، سېلىنىۋاتقان ئەمگىكى ئۈچۈن غەلۋىر تەلەپ قىلغان. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مەھبۇسلار ئۈچۈن ئايرىلغان مەخسۇس خىراجەت بولمىغاچقا ئۇنىڭغا دورا ئەۋەتىپ بېرەلمىگەن، ئەمما تەلەپ قىلىنغان غەلۋىرنى دەرھال يەتكۈزۈپ بەرگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «غەمخورلۇقى» بىلەن كېسەل مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۈرمىدىكى «يەڭگىل ئەمگەك» -قۇرۇق ئۈزۈم تاسقاشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆتكەن ئايدىكى ئاڭلىتىشىمىزدا 2009‏-يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە ئېغىر كېسەل ھالەتتە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، ئەينى چاغدا بىزگە بۇ ھەقتە ئىنكاس يوللىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇ قېتىم مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ ئائىلىسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن دورا تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما ئائىلىسى ۋە كەنتنىڭ كېرەكلىك دورىنى ئەۋەتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ كېسىلىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئىنكاسچىنىڭ يەنە دېيىشىچە، كەنت ساقچىخانىسى مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ قوشۇمچە بىر تەلىپىنى دەرھال ئورۇندىغان، يەنى مەمەتتۇرسۇننىڭ تۈرمىدىكى ئەمگىكىگە كېرەك بولىدىغان غەلۋىرنى ئەۋەتىپ بەرگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كەنت ساقچىسى، يېقىندا داخىيەن تۈرمىسىگە بېرىپ، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرگە ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم يەنە مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرگە كېرەكلىك دورىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى «يەڭگىل ئەمگەك» -قۇرۇق ئۈزۈمنى تاسقاپ تۈرگە ئايرىش ئىشىغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ خادىم ئۆتكەن قېتىملىق زىيارىتىمىزدە، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ كېسىلىنى «جياكاڭ»، يەنى قالقانسىمان بەز ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى دەپ ئاتىغان ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تېببىي مۇتەخەسسىس مەمەت ئىمىن ئەپەندى، مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالامەت ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، بۇ كېسەلنىڭ بىمارغا ھاياتىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 ئۆتكەن يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى داخىيەن تۈرمىسىنىڭ مەھبۇسلارنى قۇرۇق ئۈزۈم ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئىشىغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ھەرقانداق بىر كېسەلنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئارام ئالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن مەمەت ئىمىن ئەپەندى، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر دۇچار بولغان مەزكۇر كېسەلنىڭ بىماردا ماغدۇرسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ خىل كېسەلنى ھەرقانداق بىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدا كامبودژادىن قايتۇرۇلۇپ 20 يىللىق كېسىلگەن مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.