«11 - سىنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»نىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00


«11 - سىنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگىنىگە بۇ يىل 15 يىل بولدى. ھەر يىلى بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلار شۇ قېتملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئۇلارنى خاتىرىلەيدۇ. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ يەنە بىر قۇربانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بۇ ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ ئەدىبىنى بېرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 11 - سىنتەبىر كۈنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ سەمىگە سېلىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2001 - يىلى يۈز بەرگەن 11 - سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا 15 يىل توشقان مەزگىلدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى قارمىقىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىغا ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيىسىنى بىلدۈردى. ئۇلار شۇنداقلا مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىنغان بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار دېموكراتىيىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەشنا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىل قىممەت قارىشىغا ئىگە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى قىلىۋاتقان ئۇرۇشىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئەمما ئۇلار تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكا تارىخىدىكىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا تارىخىدىكى بىر زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ، ئامېرىكا خەلقئارانى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياردەمگە مۇھتاج ۋاقىتتا دۇنياغا قىلغان بۇ مۇراجىئىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارمۇ مانا مۇشۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئەڭ ئېغىر قۇربان بەرگۈچىلەرگە ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېررورلۇققا باغلىغان بولسا، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن «ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، بالدۇر تۇتۇش قىلىش، ۋاقتىدا زەربە بېرىش، ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئۇجۇقتۇرۇش، يىلتىزىدىن تۈگىتىش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىشلىتىپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. خىتاي يەنە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە «ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى تىنچلىقپەرۋەر سىياسىي ئۆكتىچىلىكنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق، بۇنداق ئۇسۇل مەسىلىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ. خىتاي يېقىندا ئېلان قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن قىلغان نارازىلىقلىرىنى تۈپتىن ھەل قىلىدىغان چارە ئىزدەشكە قىلچىلىكمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئۇرۇش قوراللىرىنى سىناق قىلىشىغا دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا يەنە، مەزكۇر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئورگانلارنى، كىشىلەرنى، تەنقىدىي پىكىرلەرنىمۇ جازالاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى شۇنداقلا خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ۋەقەلىرى بۇنىڭ ياخشى ئۆرنىكى، دەپ بايان قىلغان.

ئۇرسۇلا خانىم،خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلقئارالىق جىھاد تەشكىلاتى» نىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلغان «باي كۆمۈركان ۋەقەسى»نى «بۇ دېگەن يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىغا بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت، ئۇنى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق» دەپ خەۋەر يازغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ھازىرغىچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى، بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ چىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئۆكتىچىلىكىنى «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» دېگەن نام ئاستىدا جازالاۋاتقانلىقىنى، 2013 - 2014 - يىللىرى ئارىسىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللانمىغان 592 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يۇقىرىقىدەك جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىپ، جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە شۇ يىللار ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوتلاردا 12 مىڭ داۋا كۆرۈلگەنلىكىنى، داۋا ئېچىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن تىنچلىقپەرۋەر نامايىشلارغا قېتىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئىنتېرنېتتە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.