ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 30 يىللار مۇقەددەم ئۈرۈمچىدىكى 7 ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» گە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە دەپ باھا بەرگەن بولسا، تارىخشۇناسلار بۈگۈن يەنە، 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىماقتا.
12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى يېتەكچىلىرى، بۇ شانلىق تارىخنى ياراتقان ۋە شاھىت بولغان نەۋقىران ياشلارنىڭ بەزىلىرى ھاياتىنىڭ تەڭ يېرىمىنى يات، يىراق ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ئۆتكۈزگەن، 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانلار قاتارىدا. نۆۋەتتە ئامېركىدا ياشاۋاتقان نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەپەندى ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىدا ئاساسلىق يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان، بىۋاسىتە قاتناشقان شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى.
بۈگۈنكىدەك تارىخىي بىر كۈندە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، ئارىدىن 31 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىنىڭ زىمىستان سوغۇق قىش كۈنىدە، مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن قالدۇرغان 12-دېكابىر ئەسلىمىلىرىنىڭ ھاياتىدىكى، ياشلىق خاتىرىسىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق ئۇنتۇلماس يارقىن ئەسلىمىلەر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نۇرمەمەت ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىڭ.
(داۋامى بار)