15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئوسلودا باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.03.18
Oslo-15-Uyghur-Yashlirini-Terbiyelesh-kursi-01.jpg د ئۇ ق نىڭ 15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 17-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 17-مارت نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئانكەر مېھمانخانىسىدا باشلاندى. كۇرسقا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن باشقا، د ئۇ ق رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

بۇ تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مۇقەددىمىسى 16-مارت چۈشتىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇجادىلىسىنى خەلقئارا سەھنىلەردە قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە دەرس سۆزلىگەن ئىدى. 17-مارت بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈنۈملۈك ئالاقە سەنئىتى ھەققىدە مۇتەخەسسىس پەمما فوخ خانىم ئەمەلىيەتكە باغلاپ دەرس ئۆتتى. 

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى ھەمدە بۇ كۇرسىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ كۇرس توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بىر بۆلۈك قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋانىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

بىز كۇرس جەريانىدا ئۈنۈملۈك ئالاقە سەنئىتىنى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى سىناق نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدۇق. 

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ كۇرس ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ كۇرس 18-مارت ئاخىرلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.