تۈركىيە قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز ئەھۋالنى ئاڭلاتسا، يەنە بەزىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەرز يېزىپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بېلىقىز ھەبىبۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان يولدىشى ھەسەن ئاۋۇدىن ۋە بىر يېرىم ياشتا يۇرتىدا قالغان قىزى سەكىنە ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۈگۈن، يەنى قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ 5 كىچىك بالىسىنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشىنىڭ جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى ھەسەن ئاۋۇدىن 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ كېتىلگەن يولدىشى ھەسەن ئاۋۇدىندىن ۋە كىچىك قىزى سەكىنەدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بېلىقىز ھەبىبۇللا، 1980-يىلى تۇغۇلغانمەن. بۇ يىل 38 ياشقا كىردىم. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بىشۈيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 1202-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇراتتىم. مېنىڭ 6 بالام بار. يولدىشىم بىلەن ئەڭ كىچىك قىزىم ئۈرۈمچىدە قالغان ئىدى. يولدىشىمنى بۇلتۇر، يەنى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئۆيىمىزدىن تۇتۇپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن پېتى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىدى.»
«سىز تۈركىيەگە قاچان كەلدىڭىز، مىسىرغا نېمىشقا كەتكەن ئىدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 5 بالامنى ئېلىپ تۈركىيەگە كەلدىم. كىچىك قىزىم 1 يېرىم ياشتا بولۇپ، نوپۇسى بولمىغاچقا پاسپورت بېرىلمەي ئۈرۈمچىدە قېلىپ قالغان ئىدى. مەن تۈركىيەگە كېلىپ 2 كۈن تۇرۇپ مىسىرغا كەتتىم. مىسىرغا بېرىشىمدىكى سەۋەب يولدىشىم ئەگەر كىچىك قىزىمنىڭ پاسپورتىنى بېجىرەلىسە، مىسىردىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قىزىمنى ئەكېلىۋېلىش ئۈچۈن ئىدى. مىسىردا 8 ئاي تۇرۇش جەريانىدا بالىلىرىمنى ئوقۇتتۇم.»
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يولدىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلگەندىن كېيىن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2017-يىلى 4-ئايدا يولدىشىمنى خىتاينىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، مىسىردا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ھەرىكەت باشلانغان ھامان 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مىسىردىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىۋالدىم. ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، 5 بالام بىلەن بىرلىكتە تۇرۇۋاتىمەن. ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى يولدىشىم بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇ كۈندىن ھازىرغىچە پەقەت ئالاقە قىلالمىدىم. ھازىر 5 بالام بىلەن سافاكۆي رايونىدىكى فاسىل كوچىسىدا تۇرۇۋاتىمەن.»
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم يولدىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، 1 يېرىم ياشلىق قىزى سەكىنەنىمۇ خىتايلارنىڭ بالىلارنى يىغىۋېلىش يېرىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرغىچە يولدىشىم بىلەن قىزىم ئۆلدىمۇ ياكى تىرىكمۇ ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدىم. بالىلىرىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھەسەن ئاۋۇدىن. يولدىشىم ھازىر ئۈرۈمچىدە يىغىۋېلىش لاگېرىدا. كىچىك قىزىم دادىسىغا قالغان ئىدى. ئاڭلىشىمچە، دادىسىنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن كىچىك بالىلارنىمۇ يىغىۋېلىش يېرىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەمما ھازىرغىچە نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر خەۋەر ئالالمىدىم. كىچىك قىزىمنىڭ ئىسمى سەكىنە ھەسەن، بۇ يىل 3 يېرىم ياشتا. قىزىم بەكلا كىچىك، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئورگانلارغا ئەرز يازدىم ۋە يېزىۋاتىمەن. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ ئەرز سۇندۇم. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يولدىشىم بىلەن قىزىمنى قۇتۇلدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن قىزىمنى يېنىمغا ئەكېلىۋېلىشقا تىرىشىمەن.»
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانام ھايات، ئۇلار ھازىر يەكەن ناھىيىسىدە. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى نەدىن-نەگىچە، ھېچنېمە بىلمەيمەن. تور ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەچكە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىمىز.»
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدىڭ» دەپ جازالىمىسۇن دەپ ئۆيدىن چىقماي بالا تەربىيەلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يولدىشىم ھەسەن ئاۋۇدىن ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى (سەيماچاڭ) دىكى قۇشخانىدا قاسساپلىق قىلاتتى. مەن 6 بالا تۇغدۇم. بالىلىرىمنىڭ 4-5-6-لىرى تۇغۇلغاندا خىتايدىن قورقۇپ ئۆيدىن چىقماي باقتىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىدىن كۆپ بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلمايتتى. مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر يەردە ئىشلىمەي ئائىلەمدە بالا تەربىيىلەپ، ئۆيدىن چىقماي ياشىدىم. ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› يۈز بەرگەن مەزگىلدىمۇ بىر ئاماللار بىلەن تەقىبگە ئۇچرىمىغان ئىدۇق. ئەمما بالىلىرىمىزنى كېيىنچە پۇل بېرىپ بالىلىرىمىزنى نوپۇسقا ئالدۇردۇق، بىزنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىمىز بولغاچقا ساقچىلارنىڭ تەقىبلىرىگە دۇچار بولمىدۇق.»
بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم 2015-يىلىغا كەلگەندە ۋەزىيەتنىڭ بەكلا چىڭىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ساقچىلىرى ئۆيلىرىنى ئاختۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2015-يىلى ۋەزىيەت چىڭىپ كەتكەندە ساقچىلار ئۆينى تەكشۈرۈپ ‹ئۆيۈڭدە قارا كىيىم بار ئىكەن›، ‹قارا كىيىملەرنى كەيمەيسەن› دېدى. مەن ‹ماقۇل› دېدىم. بىز ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ قاتتىق سوئال-سوراقلىرىغا ئانچە ئۇچرىمىدۇق، ئەمما چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن قىزىم بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىمەن، يولدىشىم ھازىرمۇ سولاقلىق. ئاتا-ئانام لاگېردىمۇ، ئۆلدىمۇ ياكى تىرىكمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. بىز 7 بالا ئىدۇق. ئىككى ئاكام، ئىككى ئىنىم، ئىككى ئاچام بار. بىر ئىنىم قارامايدا، ئۇلاردىنمۇ خەۋەر يوق.»
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا بېلىقىز ھەبىبۇللا خانىم يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى. ئۇ سۆزىدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل تۇتقۇن قىلىنىش پاجىئەسىنىڭ ئاللىقاچان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئورتاق پاجىئەگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنداق شارائىتتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.