«5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە 19 يىلدىن كېيىنكى غۇلجا
2016.02.03
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن. 2013-يىلى 5-فېۋرال.
بۇ يىل 1997 - يىلىدىكى «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ۋەقە ۋە غۇلجىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى, سودا - ئىقتىساد ۋە سىياسىي تارىخىدىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىرگە «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى، ئابلىمىت تۇرسۇن ۋە تۇركىيىدىكى دىلشات ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىللىرى غۇلجا ياشلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەركەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە بۇ ھەركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي داىرىلىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسىتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلىرىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىنكى 19 يىللىق جەريانغا نەزەر سالغاندا، خىتاي غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشاش ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن تۆۋەندە دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇش، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن غۇلجىدا ھەر جەھەتتىن چېكىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىر يىل بۇرۇن غۇلجىدىن مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلشات ئەپەندى، ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىنى مىساللار بىلەن ئىزاھلاپ، 1980 - يىللاردىن 1997 - يىللارغىچە نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ غۇلجىدا زاۋۇتلار قۇرغانلىقىنى، ئۇلارنى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن قالماي ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئوقۇپ يېتىلىشىگىمۇ يول قويماي، كۆپلىگەن ياشلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قارىلاپ قولغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، مەشرەپنى چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلېمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز بايانلىرىدا «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن، غۇلجىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كىمنىڭ ھەقىقىي دوستى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئىناق - ئىتتىپاقلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بايانلىرىدا «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا ۋاسىتە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى 19 يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.









