3-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈرۈمچى پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئۇ يەردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي لىدېرى رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بارغان پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ شۇنداقلا يېقىن ئارىدا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتىدىغان دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە چىققان تۇرسۇن ئارزىيېف، ئازتېكىن ئىبراھىموف، دىلىنۇر قاسىموۋا، ھاكىمجان ئازنىباقىيېف ۋە باشقىلار ئۈرۈمچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق قەدرىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆزلىگۈچىلەر مەزكۇر پائالىيەتكە ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىن بەلگىلەنگەن ۋەكىللەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ۋە دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.