گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى دەنھاخ شەھىرىدە نامايىش تەشكىللىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Gollandiye-5-iyul-2016-namayish.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دەنھاختىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 4-ئىيۇل، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

4-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ 7-يىلى خاتىرىلەندى. پائالىيەتنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىللىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدەمدە بولدى.

پائالىيەتتە 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىشنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ناھەق ۋە قانلىق باستۇرۇلغانلىقى تەنقىد قىلىندى.

نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي خىتاينىڭ يېرىم ئەسىردىن ئاشقان ۋە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان باياناتىنى ئوقۇدى.

بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش بولۇپ، نامايىش ئىشتىراكچىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ 7-يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىنكاس بەرگۈچىلەردىن بىرى، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان نەپرەت ئىپادىلىرى ۋە خىتايلارنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرى داۋامىدا ئەكس ئەتكەن ۋەھىمىلىك تراگېدىيەلىرىنىڭ شاۋقۇنلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.