گېرمانىيەدە «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.10.02
xitay-zulumi-korgezme-8.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-7.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-6.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-5.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-4.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-3.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-2.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

xitay-zulumi-korgezme-1.jpg

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

1-ئۆكتەبىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «60 يىللىق زۇلۇمنىڭ دەلىلى» تېمىسىدا مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرساھە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شانلىق 60 يىل» نىڭ تەنتەنىسىنى قىلىۋاتقان بۇ كۈندە، د ئۇ ق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان بۇ 60 يىلدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا تېرىشتى.

رەسىم كۆرگەزمىسى ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى شىتاخۇس مەيدانىدا سائەت 1 بىردىن 3 قىچە ئىككى سائەت ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم قاتارلىقلار باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

كۆرگەزمىگە 100 پارچىغا يېقىن رەسىم تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ رەسىملەر «شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي بېسىم»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، «سىياسىي زۇلۇم»، «ئىقتىسادىي نامراتلىق»، «مائارىپ ۋەيرانچىلىقى»، «ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكى»، «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»، «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چۈشەنچە» قاتارلىق 8 چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر مەزمۇن ئۈچۈن 6 پارچە رەسىم دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. بۇندىن باشقا، ئىلھام توختى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان. كۆرگەزمە جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاۋازلىق چۈشەنچە بېرىپ تۇرۇلدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيداندا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى، كۆرگەزمىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

بۇ پائالىيەتكە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بەردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجانمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ھاجىممۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.