قىرغىزىستاندا «5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.07.06
Qirghizistan-2018-5-iyul-01.jpg قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئىيۇل. بىشكەك، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئالامېدىن-1» مەھەللىسىدە جەم بولۇپ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشتى. مۇراسىم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن دىنى زات ئابدۇرېشىت نادىرۇف ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئوقۇدى. 

سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ئاساسىي دوكلاتنى ئوقۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قاتناشقان نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا، مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارلىرىغا بويسۇنماي تا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن تۇرسۇن ئىسلام نىيازى سۆز قىلدى. 

مۇراسىمغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف ھەر بىر يىغىن-مۇراسىملار شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، جامائەتكە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنى ئاڭلاتتى. روزىمۇھەممەت ئەپەندى يەنە بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم سىياسىتى كۈچىيىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق سەھنىسىدە كۆتۈرۈلۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

يىغىن قاتناشقۇچىسى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى شەمسىددىن ئابدۇرېھىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن تەشەككۈر خەت يېزىشنى ئىلتىماس قىلدى.

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېشىت نادىروف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىغا پائال ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، «5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى» بۇ يىل بىرىنچى قېتىم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى شۆبىسى تەرىپىدىن ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوش ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر-قىشلاق يېزىسىدا خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى قاتناشتى. قەشقەر-قىشلاقتىكى مۇراسىمغا ئوش ۋىلايىتىدىكى «ئىتتىپاق» شۆبىسىنىڭ رەئىسى ھەمىدۇللا مەتئىسھاقوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاساسىي دوكلاتنى جالالئاباد ۋىلايىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشېر ناسىراخۇنوف ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ «5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى ھېچ قاچان ئۇنتۇلمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.