ئاۋسترالىيە «ABC» قانىلى مۇخبىرلىرى قەشقەردە كۆرگەن «ئويۇنلار»
2018.09.19

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ خەۋەر ئورگىنى بولغان «ABC» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «چەتئەل مۇخبىرى» ناملىق پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ماتتېۋ كارنېي ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىمۇ يېقىندا قەشقەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئۇلار زىيارەت خاتىرىسىدە «ئۇرۇش بەلۋېغى» غا ئوخشاپ قالغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەۋەر ئىشلەش ئەڭ قېيىن جايلاردىن بېرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«چەتئەل مۇخبىرى» ناملىق پروگرامما 18-سېنتەبىر، سەيشەنبە كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ، ماتتېۋ كارنېي ۋىدىيو پروگراممىسىدا ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى پەن-تېخنىكىنى كىشىلەرگە بېسىم قىلىدىغان ۋاسىتە قىلىپ، ئۇنى ئەڭ زالىملارچە ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ رايونىغا ماڭغانلىقىنى، بۇ رايوندا بولۇۋاتقانلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى خالىمايدىغانلىقىنى، بۇ رايوننى بەزىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە، دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
«ABC» خەۋەر تورىدا 15-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىدىن قارىغاندا، بۇ قانالنىڭ ئىككى مۇخبىرى قەشقەرگە بارغان بولۇپ، ئۇلار دەسلەپتە ساياھەتچى سۈپىتىدە قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كوچا -كويلارنى دەخلىسىز ھالدا سۈرەتكە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا قەشقەردىكى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى يېتىپ كېلىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىش، ئەگىشىۋېلىش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. ماتتېۋ كارنېي خەۋەر ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:
«قەشقەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن بىر كۈن سەپەر قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېھمانخانىدىكى ياتىقىمدا يېرىم كېچىدە ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتىم. بىر چاغدا تېلېفونۇمنىڭ سايرىشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. تېلېفون قىلغان مېنىڭ خىزمەتدىشىم ئىدى. ئۇ ماڭا ‹ئۇلار كېلىپتۇ، بىزنى پەستە ساقلاۋېتىپتۇ› دېدى. ئەلۋەتتە بىز بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىزنى ئىزدەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدۇق. چۈنكى رايونغا كەلگەن غەربلىك مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى نازارەت قىلىنىدۇ. بىز ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەردەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇلاردىن ئاران ئىككى سائەت ئەتراپىدا قۇتۇلۇپ قالالىغان ئىدۇق. ھېيتگاھ جامەسى بىر ناماز قىلىدىغان جايدىن بەكرەك بىر ئۇرۇش بەلۋېغىغا ئوخشايتتى. ئادەتتە توپىلاڭنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ساقچى قوشۇنى چارلايدىغان بۇ مەسچىتنىڭ مۇنارىسىنى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى ئىگىلىۋالغان ئىدى»
مۇخبىر ماتتېۋ ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«پەسكە چۈشسەك، مېھمانساراينىڭ پەستىكى جايىدا بىزنى 5 بىخەتەرلىك خادىمى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئارىدا ئۆزلىرىنى ماكس ۋە مايك دەپ ئاتىۋالغان ۋە ئىنگلىزچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان ئىككىسى بىزگە ‹قەشقەرگە خوش كەپسىلەر› دېدى. مەن ئۇلارغا ھازىر يېرىم كېچە بولغانلىقىنى ۋە بۇنى بەك ياخشى قارشى ئېلىش دەپ قارىمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ماكس ماڭا ‹بىز پەقەت خىزمىتىمىزنى قىلىۋاتىمىز. بىز سىلەرگە قەشقەرنىڭ قانچىلىك تىنچ ۋە ئىناقلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى› دېدى. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ سۆزلىرى تەھدىتكە ئايلىنىپ ‹ئەگەر سىلەر ھەرقانداق بىر ساقچىنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى، نازارەت تېخنىكىلىرىنى سۈرەتكە ئالساڭلار سىلەرنىڭ مۇخبىرلىق ۋىزاڭلار بىكار قىلىنىدۇ› دېدى. بىز بۇ يەرگە دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىنى باستۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى فىلىمغا ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدۇق. دېمەك بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىمىزنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى، مايك بىلەن ماكس ئۇيغۇر ئىدى. بەزىلەر ئۇلارنى دۈشمەنگە ھەمكارلاشقۇچى دەپ ئاتىشى مۇمكىن. بۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشىغا سالغىنىدەك، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا سېلىشتىن ئىبارەت تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسىدۇر».
مۇخبىر ماتتېۋ ۋىدىيو پروگراممىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردە يول بويى ساقچىلارنىڭ قايتا-قايتا تەكشۈرۈشلىرى، سوئال-سوراقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى، قەشقەردىكى كوچا-كويلاردىكى كامېرالار سانىنىڭ بېيجىڭدىنمۇ كۆپلۈكىنى، ھەر يۈز مېتىردە ساقچى پونكىتى بارلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ.
بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىر ماتتېۋ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى قەشقەردە 4 كۈن تۇرغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆزلىرىگە ئەگىشىۋالغان يۇقىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇردىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشى بارلىقىنى ھېس قىلغان. بىراق ئۇلار كۈن بويىچە ئوخشىمايدىغان قىياپەت، ئوخشىمايدىغان كەسىپلەردىكى كىشىلەرگە ئايلىنىۋالىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار مەنزىلگە مۇخبىرلاردىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ «ۋەزىپىسىنى» ئىجرا قىلىدىكەن. ماتتېۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
«بىز 4 كۈنلۈك زىيارىتىمىز داۋامىدا بىزگە ئەگىشىۋالغان مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بىز دەسلەپتە ئويلىغاندىن كۆپلۈكىنى ھېس قىلدۇق. ئەسلىدە ھەر كۈنى 20 دىن ئوشۇق بىخەتەرلىك خادىمى بىزگە 24 سائەت بويىچە ئەگىشىپ يۈرگەن ئىكەن. ھەرقانداق يەرگە بارساق، ئۇلار ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال بېرىپ بولاتتى. بىراق ئۇلار كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشۇپ بىر دۇكانداردەك، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، شوپۇر ياكى ئەتراپىمىزدا رەسىم تارتىپ يۈرگەن ساياھەتچى دېگەندەك ئوخشىمىغان قىياپەتلەردە بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقاتتى. تولىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە سائەت ئىچىدە بىر قانچە ئوخشىمىغان روللارغا چىقاتتى. شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ يۈزىگە دىققەت قىلغىنىڭىزدا تېخى بايىلا دۇكاندار بولۇپ ئالدىڭىزغا چىققان كىشىنىڭ تۇيۇقسىزلا رېمونتچى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز».
مۇخبىر ماتتېۋ كارنېينىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ زىيارىتى داۋامىدا يەنە قەشقەر تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ 3 ئايال خادىمىمۇ داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىللە يۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق بىر يەرگە بارسا بۇ 3 خادىم شۇ يەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەممە نەرسىنى مۇخبىرلارغا تىنچ ۋە ئىتتىپاقتەك كۆرسىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان:
«بۇلار بىزدىن يەنە بىز سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى، بىزمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولدۇق، ئەمما بىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولغاچقا ئەسلىدە ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۇلار بايقىيالمايدىغان بىر قانچە يەردە ساقلاپ قويغان ئىدۇق. سىلەر ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى سەيشەنبە كۈنىدىكى «چەتئەل مۇخبىرى» پروگراممىمىزدا كۆرىسىلەر. بۇ يەردە بىر يەرلىك ئۇيغۇر بىلەن سۆزلىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سۆزلەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇلار ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالامەت تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەيدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىز بىر ئۇيغۇر دۇكاندار بىلەن سۆزلەشتۇق. ئەمما بىزگە ئەگىشىپ يۈرگەن يېتەكچىلەر بىز سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا 15 مىنۇتچە يوليورۇق بەردى. ئاندىن بۇ دۇكاندار بىزگە «يولداش شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھاياتىمىز بەك ياخشى بولۇپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ يوللىرىمىز بەك ياخشى، بىنالىرىمىز بەك ياخشى بولۇپ كەتتى. ھەتتا ئايروپىلان ۋە تۆمۈر يوللىرىمىزمۇ بار بولدى. ھاياتىمىز كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ سۆزلەشنى باشلىدى. مەن ئۇنى بەك قىستاشنى خالىمىدىم. چۈنكى ئۇ ئەگەر ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان بولسا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنداق خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىشىنىڭ ئورنى يوق. بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى».
ئۇ ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن 12 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قەشقەردىكى ئېغىر نازارەت سىستېمىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىنمۇ مەلۇمات بەرگەن.
ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى بۆشۈكى بولغان قەشقەردە نۇرغۇن قەدىمىي بىنالارنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تۈزەشتۈرۈپ، خىتاي ساياھەتچىلەر كېلىپ ئۇيغۇرچە تاماقلارنى يەپ، ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ كېتىدىغان بىر جايغا يەنى كىشىگە خۇددى بىر كارتون باغچىلىرىنى ئەسلىتىدىغان بىر ئورۇنغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ زىيارەت خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مانا بۇ يەر قەشقەر تەشۋىقات ئىدارىسىدىكى بىزگە ئەگىشىپ يۈرىدىغان 3 ئايال كىشى بىز سۈرەتكە ئالساق بەك خوش بولىدىغان يەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچىدە ھاجەتخانىسى ۋە بار بولغان يوغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرۈشىمىزنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىر قانچە كوچا نېرىسىدىكى ئۆيلەردە ياشايدىغانلار لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكتىن ئۆيلەر ئاساسەن قۇرۇق ئىدى. بىزگە ئەگىشىپ يۈرگەن 3 تەشۋىقاتچى ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى-ئۇلارنىڭ بىزنى قايتا قۇرۇلۇش تېما قىلىنغان بىر مۇزېيغا ئېلىپ بېرىشى بولغان ئىدى. بۇ مۇزېيدا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىدىيە بولسا ئىنتايىن چاكىنا ئىدى-يەنى بۇ مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇن قانداق تەرەققىي قىلمىغان، ئارقىدا قالغان، مەينەتلىكى ئىپادىلەنگەن بولسا، ئىككىنچى قەۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى تەنتەنە قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە، قەشقەر ۋە پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. تەرەققىيات بولسا بۇ زېمىنغا ئىش ۋە پۇرسەتلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېقىپ كەلگەن خىتايلارغا بېرىلگەن» دەپ يازغان.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىققاندا ئايروپىلان خادىمىدەك كىيىنىۋالغان بىر خىتاي ئەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىپ بوينىغا ئېسىۋالغان كامېراسى بىلەن رەسىمگە تارتىپ تېزلا ئۇزاقلاشقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن «بۇ يەردىكى بىر پەرق مەن شىنجاڭدىن كېتەلەيتتىم، بىراق ئۇيغۇرلار كېتەلمەيتتى» دېگەن جۈملە بىلەن ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.