ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2013-يىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست كۈنى تۇتقۇن قىلىنغاندا، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن مەيلى قەشقەردىكى تۇنجى سوراقتا بولسۇن ياكى ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە قېتىملىق سوراق-تېرگاۋلاردا بولسۇن ئاتالمىش «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» دېلوسى بويىچە ھېچقانداق سوئالغا دۇچ كەلمەيدۇ. ئەكسىچە سوراق-سوئاللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىياسىي جىنايەت ئۈستىدە بولىدۇ.
بۈگۈن تۈركىيەدە ھۆر ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا دۇچ كەلگەن سوئال-سوراقلىرى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.
-مەن ئەينى چاغدا قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغاندا ساقچى تەرەپنىڭ مېنى ۋە مەسلەكداشلىرىمنى ئاتالمىش «قالايمىقان مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاددىيلا خەۋەرلەندۈرۈلدۈم. ھالبۇكى، مەن ئانا تىل مائارىپى يولىدا بىر ئىش قىلىشنى ئويلىغان ۋە شىركەت قۇرغان دوستلىرىمنىڭ ئىقتىسادىي نەپنى ھېچقاچان ئاخىرقى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 40 يىل ياشىغان بىر ئىنسان بولغاچقا دائىرىلەرنىڭ مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ئىنسانلارغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتىم. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدىم. بۇنى پەقەتلا مېنى ۋە مېنىڭ مەسلەكداشلىرىمنى تۇتۇشتىكى بىر باھانە دەپ قارىدىم.
-دەسلەپتە بىزنىڭ دېلويىمىز «مەبلەغ چىقىرىشتا ساختىلىق قىلىش» دېگەن كاتېگورىيەدە بولغان بولسا، كېيىنچە «قالايمىقان مەبلەغ توپلاش» دەپ ئۆزگەردى. سوتقا چىققاندا بولسا «جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندۇق. دېمەك، بىزنى تۇتقان ۋاقىتتىكى جىنايەت بىلەن تەپتىشنىڭ بىزنى ئەيىبلىگەن ۋاقىتتىكى ۋە ئاخىرىدا سوتقا ئېلىپ چىققان ۋاقىتتىكى «جىنايەت» لىرىمىز ئوخشىماي قالدى. ئەمەلىيەتتە، سوتتا بىزگە ئارتقان «جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان» دېگەن جىنايەتمۇ ھېچقانچە پۇت دەسسەپ تۇرالمايتتى. چۈنكى شىركەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلىغى بار ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئېنىق قىلىپ «ئەرز قىلىش ھوقۇقۇمنى ساقلاپ قالىمەن»، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدىم. ئادالەت ئىشقا ئاشقان كۈنى مەن ھامان بۇنى سۈرۈشتە قىلىمەن دېگەن ئارزۇيۇم بار.
-مەن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىككى ساقچى مەندىن شىركەت ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە بويىچە بىر قېتىم سوراققا ئېلىپ چىقتى. ئۇندىن كېيىن ئىقتىسادىي مەسىلە ھەققىدە پەقەتلا سوئال سورىمىدى. كېيىنكى سوئال-سوراقلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي مەسىلىلەرگە، يەنى «ئامېرىكىدىن نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلدىڭ، سېنى كىم ئەۋەتتى، چەتئەلدىكى قانداق تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بار، ئامېرىكىدا ۋە تۈركىيەدە كىملەرنى تونۇيسەن؛ نېمە ئۈچۈن قەشقەردە يەسلى ئاچتىڭ؛ نېمە ئۈچۈن مەكتەپ ئاچتىڭ؛ نېمە ئۈچۈن قەشقەردە ئانىلارغا لېكسىيە سۆزلىدىڭ؟» دېگەندەك سوئاللارغا مەركەزلەشتى. يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى» گە قويۇلىدىغان سوئاللار سورالدى.
-مەن تۇتقۇندىكى كۈنلىرىمدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئەسلىدە دۈشمەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇلار دۈشمەن يارىتىشقا ئېھتىياجى بولغاچقا مەن ۋە مېنىڭ دوستلىرىم بۇ خىل سىياسىي ئېھتىياجنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق، خالاس. پەمىمچە، مەن ئۇلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن بولدۇم. يەنى ئامېرىكىدا ئوقۇدۇم. دېمەك ئامېرىكىدىكى ئوقۇش تارىخىم سوراقچىلارنىڭ خىيالىدىكى «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بۆلگۈنچىلىك ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدۇ» دېگەن قارىشىغا ئىسپات بوپتۇ. ئىككىنچىدىن، مېنىڭ تۈرلۈك ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەپ، ئوخشىمىغان ئىنسانلار ئارىسىدا مەلۇم تەسىر پەيدا قىلىشىم ئۇلار ئۈچۈن گۇمانلىق ئوبيېكت ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپتۇ. ئۈچىنچىدىن، بىزنىڭ ئانا تىل ھەرىكىتىمىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» يولىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە مېنىڭ دوستلىرىم ئۇلارنىڭ «دۈشمەن يارىتىش» تىن ئىبارەت بۇ رەزىل سىياسىي ئېھتىياجىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق. شۇنداق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەن ئۇيغۇر خەلقىنى خاتا چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ قۇربانى بولدۇم!...
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
(داۋامى بار)