ئالماتانىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئانىلار شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.07.08
2013.07.08
AFP
2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە قازا بولغانلارغا بېغىشلانغان خاتىرە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئالماتادا يەنىمۇ داۋام قىلماقتا.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تارىخىي ۋەتىنىدە داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەپ، ئۇلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى. يېقىندا، شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئۆتكەن بىر نەزىردە ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى ئەسلەپ، ئۇلارغا دۇئا قىلدى.