رابىيە قادىر: كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئامېرىكا خىتايدىن تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرنى باستۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.08.13
aqsaraygha-yollanghan-rabiye-qadir-mektubliri.JPG ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابقا قويۇلغان سۈرىتى.
RFA/Qutluq


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر دىئالوگ بۇ يىل 6 - ئايدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد - ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بۇ يىل 9 - ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدا باشلاندى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دىئالوگدا، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىگە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تام مالىنوۋىسكىي، خىتاي تەرەپكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ جۈنخۇا ۋەكىللىك قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى دىئالوگنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى دىنىي، قانۇن، تور، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ساھەدىكى كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، دىئالوگدا ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى تېررورلۇق قېلىپىغا سېلىش تەلىپىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

رابىيە قادىر: ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەممىدىن سەزگۈر مەسىلە. نېمە دېسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۆلىتىگە، سۈرىيەدىكى تەشكىلاتلارغا چېتىپ تۇرۇپ، ئاشۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قالپاق كىيدۈرۈپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى شۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ بىر تەرەپ قىلىش خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولۇۋاتىدۇ.

بۇنى خىتاي ئامېرىكىغىمۇ، تۈركىيەگىمۇ تاڭدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئامېرىكىنى مۇشۇنىڭغا قايىل قىلماقچى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق قالپاق كۆيدۈرۈشىگە يول قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى بۇ قېلىپقا سېلىشىغا ماقۇل دېمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇنداق مەسىلىلىرىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي يىلى بايرام مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنى ئالاقىدار ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىئالوگدا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەرمەنكە بولىدۇ. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈنى خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىۋاتقان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقان، خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقان بۇ مەسىلىلەر مۇشۇ 2 ئاي ئىچىدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. دېمەك، بۇ 2 ئاي ئىچىدە يەنە قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بەدەل تۆلەيدۇ، بىز بۇنى ئۇقمايمىز. بىزمۇ بۇ يېغىندىن بۇرۇن بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان، (ئامېرىكا) ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە ئۆزىمىزنىڭ تەكلىپلىرىمىزنى دېگەن، ئۇلارمۇ ئوتتۇرىغا قويىمىز، دېگەن. بىز( ئۇلارنىڭ) شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۇلارنىڭ 19 - قېتىملىق دىئالوگىدۇر. 19 - نۆۋەتلىك دىئالوگ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى داۋاملىق ناچارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كەسكىنلەشكەن، خىتايدا نۇرغۇن ژۇرنالىست، ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ ئەھۋالدا داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە سوئال پەيدا قىلغان. چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئۈنۈمسىز دىئالوگنى توختىتىپ، خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

لېكىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈشى زۆرۈر. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگنىڭ رەسمىيەت ۋە سودىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ھېچقانداق نەتىجە چىقمىسىمۇ، بىراق دىئالوگنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشى ياخشىراق» دېدى.

رابىيە قادىر: سۆھبەتنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ئەھمىيىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقى ئۇ راست. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۆتكۈزمىگەندىن بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزگەن ياخشى. كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئامېرىكا خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى. مەيلى خىتاي ئاڭلىغان - ئاڭلىمىسۇن ئامېرىكىنىڭ يىلدا بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزگىنى ياخشى. بىراق سۆھبەتنى شەكىلگە ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، يەنىلا بۇ سودىغا ئايلىنىپ كەتسە، بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ ھەم ناھايىتى نومۇس ئىش بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتتىقراق تۇرۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، خىتاي بۇ يەردە گەپنى قىلىپ قويۇپ، ئۇ يەردە ئۆزى بىلگەننى قىلمىسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر شەرتلەر ئاستىدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا خىتايغا قاتتىق قول بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان شەخس ۋە گۇرۇھلار يالغۇز د ئۇ ق ئەمەس.12 - ئاۋغۇست دىئالوگ ھارپىسىدا خىتايدىكى بىر قىسىم ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەر مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى دىئالوگدا خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.