ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار 2015 - يىلى داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-02
Share
diniy-zad-zamaniwiy-usul.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى «زامانىۋى ئۇسۇل» ئويناشقا مەجبۇرلاپ، مۇسابىقىگە سالغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى، ئۇچتۇرپان.
Socila Media


ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ 2015 - يىلى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ئىزچىل زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، تىبەت بۇددىستلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھەم زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ باستۇرغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 2014 - يىلى باشلىغان تېررورلۇققا قارشى " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى 2015 - يىلى 1 - ئايدا كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى قويدى.

شۇ قاتاردا تېررورلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلار كۈپەيدى. قوشۇمچە قوراللىق قىسىم ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، دىنىي مەكتەپلەرنى تاقىدى. يەرلىك دائىرىلەر ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇش،، ئاياللار ھىجاپ كىيىشتەك ھەر خىل دىنىي ئىپادىلەرنى "دىنىي ئەسەبىيلىك" دەپ باستۇردى.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دوكتور روبېرت جورجنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2015 - يىلى دۇنيانىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغان، بەزى دۆلەتلەردە ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشقان. بەزى دۈلەتلەر بولسا، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرغان.

روبېرت جورج 2 - ماي كۈنى چاقىرغان تېلېفون ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

روبېرت جورج مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭ تىمسالىنى خىتايدا كۆردۇق. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى زوراۋانلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز يەنە بۇ ئەھۋالنى رۇسىيەدىمۇ كۆردۇق. ئۇنىڭ شىمالىي كافكازىيەدە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى ئوخشاش ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يەردە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش يوللۇق ۋە زۆرۈرىيەت بولسىمۇ، ئەمما تېررورلۇق خىتاي بىلەن رۇسىيەدە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇھلار ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالدى. قىسىقىسى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ گۇمانخورلۇق بىلەن دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، سەلبىي نەتىجە بەردى.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتاتىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بەزىدە ئۇلار بۇنىڭغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئۇ دوكلاتىدا يەنە، 2015 - يىلى 9 - ئايدا يۈز بەرگەن باي «سوغان كۆمۈر كان ۋەقەسى»نى مىسال قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللاندى، دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما «ئۇنىڭ بۇ نۇقتىنەزىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن بەزى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقى»نى تەكتىلىگەن.

ئۇ دوكلاتىدا،«باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈزلىگەن بەلكى، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى، مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋم - خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان نارازىلىق ۋە كۈچلۈك رادىكالىقنىڭ يولىنى ئاچتى» دېگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ئانالىزچىسى تىنا مۇففورد خانىم دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملۇق، بىخەتەرلىكنى قوغداشنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى خەۋم - خەتەر ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى «غەلىتە بىر دېنامىك» دەيدۇ.

تىنا موففورد مۇنداق دىدى: «بۇ يەردىكى ئىنتايىن زور مەسىلە شۇ، بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداۋاتقاندەك قىلىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى، مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋپ - خەتەر يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ ياكى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ.

ئۇلارنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە قاتتىق قول دىنىي باشقۇرۇشى «غەلىتە دېنامىك» پەيدا قىلىپ، دىنىي ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كەلدى.

بۇ، ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقادىنى ئۇلارغا ئىستىگەن شەكىلدە ئىپادىلەش ئەركىنلىكى بەرمەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا جايلاردىكى دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇھلارنى داۋاملىق باستۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغىۋاتىدۇ.»

لېكىن تىنا مۇففورد خانىم يەنە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي باستۇرۇشقا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلار ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كەڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كوزۇر قىلىنىپ قوللىنىپ كەلگەن.

تىنا مۇففورد مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى زوراۋانلىق يولى ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلەر بولدى. لېكىن ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلمايدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەر. لېكىن قانداق سەۋەب بولسا بولسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى ماناپول قىلىپ، بۇ ۋەقەلەرنى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلدى.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي بۇ يىل يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خىتاي 1998 - يىلى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئىزچىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت