ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتون ۋە نيۇ-يوركتا خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.09.28
2018.09.28

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، يەنى بۈگۈن 28-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە نيۇيورك شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشنىڭ نەق مەيدان تەپسىلاتىنى ئۆز مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلايسىلەر.