خىتاي دۆلەت كابىنېتى 1-ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 60 يىلدىن بۇيان، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيەت، نەشرىيات ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن. ئەمما، ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇشقا ئۇچرىغان مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى، تۈرمىلەرگە سولانغان يازغۇچى، سەنئەتكارلار ۋە 2009-يىلىدىن كېيىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر، تۇتقۇن قىلىنغان تور باشقۇرغۇچىلىرى، يازارلار قاتارلىق خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان سەزگۈر مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان.
«شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى مەدھىيىلىنىپ، 60 يىلدىن بۇيان رايوندا ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق 5 مىللەتنىڭ تىلىدا كىتاب، ژۇرنال، گېزىت نەشرىياتچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەدەنىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى بايانلار قىسمىدا يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان مىللىي ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى گۈللەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىز ماناس داستانى قاتارلىقلارنىڭ ب د ت مەدەنىيەت -مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىللىك مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرقانچە قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، خەلق سەنئەتكارلىرى، يازغۇچى-شائىرلار، زىيالىيلارنىڭ تۈرلۈك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىدەك پاكىتلار مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رېئاللىق خەلقئارادا ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان ۋە دىققەت قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
شا مىڭ مۇنداق دېدى: دائىرىلەر ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئالغان ئاتالمىش مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان بۇ خىل تەشۋىقات ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا «مېڭە يۇيۇش» تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ئورگانلار ھۆكۈمەتنىڭ كانىيى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەخلاق قارىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم قوراللار بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ تەشۋىق قىلىشى مۇقەررەر. ئەمما، كومپارتىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە پۈتكۈل خىتاي خەلقى مەدەنىيەت جەھەتتىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەدەنىيەت باستۇرۇلۇشىغا ئۇچرىدى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىدى، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، يازغۇچى-زىيالىيلىرى تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى ۋە داۋاملىق ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ زېمىندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى قوغدالدى دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما بۇ يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پەردازلىيالمايدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە باستۇرۇش دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى تىل-مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا ئائىت ۋەكىللىك ۋەقەلەردىن، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-مەدەنىيىتى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان رىيال ئەمەلىيەتنى كۆرۈش مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىل-يېزىقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل باھانىلەردە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىشكە ئۇچرىغان، مىللىي تىلدىكى گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلەر 60-70-يىللاردا رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەردە «بۇرژۇئا ئىدىيىسى ۋە يەرلىك مىللەتچىلىك تەرغىب قىلىنغان ئەكسىيەتچى يازما»، «سېرىق ئەسەر، سېرىق ناخشا» قالپاقلىرى كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇش، كۆيدۈرۈش قىسمىتىگە يولۇقۇپ، يازغۇچى،شائىرلار ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر، يەرلىك مىللەتچى قالپاقلىرى كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى مىللىي سىياسەتنىڭ يۇمشىشى سەۋەبلىك بىر مەزگىل تەرەققىياتقا ئېرىشكەن مىللىي مەدەنىيەت-سەنئەتكە 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى،يازغۇچى، سەنئەتكارلار قايتىدىن كۈرەش نىشانىغا ئايلانغان. 2000-يىللاردىن كېيىن بولسا، ئىنتېرنېت تەرەققىياتى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر تورچىلىقى 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىلىرىنى تارقاتقان دېگەن باھانىلەردە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان، خەلقئارا تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلىپ، تور ساھىبلىرى ۋە تور يازارلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولغان ۋە بۇ ئەھۋاللار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي سەنئىتى قوغدالدى، مىللىي تىلدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېگەن بايانلار ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت-سەنئەت» نىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش قورالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنىڭ ھەقىقىي نامايەندىسى بولغان ئاۋام خەلقنىڭ مەدەنىيەت-ئادەتلىرى، كلاسسىك نامايەندىلىرى، تارىخى يازمىلار، سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلغان يازارلارنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز خىزمەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا ئائىت ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە دوكلات شەكلىدە سۇنۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00