تۈركىيە پامۇققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاسارەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ تەقىبلەش ئاستىغا ئېلىنىشى، زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە. 30-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ دېنىزلى شەھىرىدىكى پامۇققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاسارەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 3 سائەت داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنىغا پامۇققالە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ياشلارغا مەسئۇل رەھبىرى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان. بىز دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان پامۇققالە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ياقۇپ چاقىر ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، يىغىن ئېچىشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان بىر زېمىن. ئۇ يەردە مەيدانغا كېلىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرالمايمىز. پائالىيىتىمىزگە كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلدى. بەك ياخشى ئۆتتى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل پائالىيەتلەرنى بۇندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈزۈشىمىزنى تەلەپ قىلدى.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن ئۆز دوكلاتىدا ئاساسلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي بېسىملىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى زادى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە باشقا مىللەتلەرنى يات كۆرۈش، باشقا مىللەتلەرگە ئىشەنمەسلىكتەك كۆز قاراشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى» نى، بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىپ سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 21-ئەسىردىمۇ مۇشۇنداق بېسىم بولامدۇ؟ دەپ سوئاللارنى سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆز دوكلاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدە 5 شەھەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.