ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ جەنۇبتىكى كەنتلەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرى (2)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.11.26
asasiy-qatlam-xizmet-guruppisi.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
www.gov.cn

ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ جەنۇبتىكى كەنتلەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى نامسىز ئىنكاسى تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا.

تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن 200 مىڭ كادىرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھېلىقى ئۇيغۇر كادىر ئۆز ئىنكاسىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«كەڭ دېھقانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، كەنت ئاتلاپ ياكى يېزا ئاتلاپ بىر يىل ئىچىدە 100 كۈندىن ئارتۇق مەجبۇرىي ئەمگەككە ھەيدەيدىكەن، يەر تېرىغان دېھقانلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىدىكەن، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق، ياشىنىپ قالغان، كۈچ ماداردىن قالغان، ئاجىز، مېيىپ، كېسەلچان كىشىلەرمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلالمايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن. دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق خالىس ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈنى سانى زادى قانچىلىك؟ بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بېرىش كېرەكمۇ ‏- يوق؟»

قەشقەر نەزەرباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ بايانلىرى مەزكۇر ئىنكاستىكى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆز كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 5 پۇڭغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەتكە مەجبۇرىي ئاشلىق سېتىپ بېرىش ۋە ھاشار ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى.

تورغا ئىنكاس يازغان ئۇيغۇر كادىر ئۆز يازمىسىدا يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:
«كەنتكە يۇقىرىدىن بىرەر ياردەم مەبلىغى كەلسە يېزا رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە چىقىم قىلىدىكەن، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى قىلچە نەزەرگە ئېلىنمايدىكەن، كەنت نېمىگە ئېھتىياجلىق، دېھقانلار نېمىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق، ئۇلارغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك دېگەنلەر خىيالىغا كەلمەيدىكەن، ۋاقتى ئۆتكەن، شۇ ئورۇنغا ماس كەلمەيدىغان ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كەنتكە مەجبۇرىي تاڭىدىكەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىغا پەرۋامۇ قىلمايدىكەن.»

خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىن بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن نەق مەيدان ئۇچۇرلىرىمىز، يۇقىرىقى ئىنكاستىكى مەزمۇنلارنىڭ ئەينەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرى پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە دېھقانلارغا بولغان كونتروللۇقنىڭ شۇ قەدەر چىڭلىقىنى، دېھقانلارنىڭ نورمال ئەمگەك ۋە تۇرمۇشىنىڭ قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشلەر ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرنىڭ نامسىز ئىنكاسىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى - ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە باشقا يازمىلاردا ئىشلىتىلىشتىن قالغانلىقىدۇر. ئۇ بۇ نۇقتىنى ئۆز يازمىسىدا ئىنتايىن ئېچىنىش ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ:
«كەنتكە ناھىيە ۋە يېزىدىن ئەۋەتىلگەن ھۆججەت، ماتېرىياللار، ھەر تۈرلۈك جەدۋەللەر پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئىكەن. كەنتتىكى خىزمەتلەرنى ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. كەنتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى بار، جەدۋەللەرنى شۇلار ئىشلەيدۇ، دەپ يېزىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ، ھەيران بولىمىز، خىزمەت گۇرۇپپىسى يوق ۋاقىتلاردا قانداق قىلغاندۇ دەپ قالىمىز. يۇقىرىدىن چۈشكەن ھۆججەت- ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە، ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا ھۆججەت-ماتېرىياللار يوق. قاچاندىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ئىشلىتىشتىن قەپ قالدى؟ كەنت كادىرلىرى ئەمەس، ھەتتا خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ خەنزۇچە يېزىقنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمايۋاتسا! ئومۇمەن ئاساسىي قاتلامدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەپتۇ. بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار جىددىي ئويلانمىسا بولمىغۇدەك. بۇنداق كېتىۋەرسە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولمامدۇ؟»

ئۇيغۇر كادىر يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى خىتاب قىلىدۇ:
«تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ ساپاسى، خىزمەت ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەقنى سۆزلىيەلمەسلىك، مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالماسلىق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. ئاشۇ ۋەيرانە كۆلبىلەردە ئەڭ بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتقان دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېغىر ھالىتى يۈرىكىمنى ئەزدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ خەتنى يازدىم.»

ھەتتا يىللاردىن بۇيان ئۆز ھويلىسىدا قىزىل بايراق چىقىرىپ، كاللىسى كوممۇنىزم مەپكۇرىسى بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن قىزىل ئاكتىپ قۇربان ئۆمەرمۇ ئۆزى چوقۇنغان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى.

ئۇيغۇر كادىرنىڭ يۇقىرىقى نامسىز يازمىسىغا مىڭلىغان تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يازغان. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«بىر ناھىيەنىڭ ئەدلىيە، رېۋىزىيە، جامائەت خەۋپسىزلىك، كادىرلار، شتات، مالىيە... ئىشقىلىپ ناھىيەنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئادەم، يەنى ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارى ئۆزى يالغۇز، بەھۇزۇر، ئۇدا 7-8 يىل ھېچ يەرگە يۆتكەلمەي باشقۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھاكىمدىن نەچچىسىنى يولغا سالىدۇ، يېزىلاردا بولسا يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى ھەممە ساھەنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇرىدۇ. يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى پەقەت بىرلا ئادەمگە، يەنى ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارغا بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە يېزا باشلىقى، ھاكىم، مۇئاۋىن پالان-پۇستانلار نۆلگە ھېساب. ئەگەر مۇشۇ ھالەت يەنە داۋاملىشىۋەرسە، ھېلىغۇ 200 مىڭ كادىركەن، 2 مىليون كادىر تۆۋەنگە چۈشكەن بىلەنمۇ بەرىبىر!...»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.