تەلغەت ئابباس: گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ كاتىپى ئابباس نەجىبىنىڭ نەۋرىسى بولىمەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
telghet-abbas-awstraliye-bayraq-chaghan.jpg سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقىرىپ، «شىنجاڭ فېستىۋالى» نى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان تەلغەت ئابباس ئائىلىسى بىلەن.
Social Media

سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقىرىپ، «شىنجاڭ فېستىۋالى» نى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان تەلغەت ئابباسنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىنقىلاب يېتەكچىسى ۋە مەرىپەتچى ئائىلىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تەلغەت ئابباس ئۇيغۇر ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخىدىكى مەشھۇر گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ كاتىپى ئابباس نەجىبىنىڭ نەرسىدۇر. تەلغەت ئابباسنىڭ ئۆز ئائىلە شەجەرىسىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بوۋىسى ئابباس نەجىبى خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ، ئىنقىلابقا قاتنىشىشتىن ئاۋۋال تۇرپان ئاستانىدىكى پەننىي مەكتەپتە مۇدىر بولغان. ئابباس نەجىبىنىڭ ئىككى ياش ۋاقتىدا يېتىم قالغان ئوغلى مەخمۇت نەجىبى ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولسا، نەۋرىسى تەلغەت ئابباس ئۇنىڭ ئىنقىلابچىلىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىدە ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى لەپىلدەتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز تەييارلىغان تەلغەت ئابباسنىڭ شانلىق ئائىلە شەجەرىسى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.