تەلغەت ئابباس: خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ماڭا يىراقتىن تەھدىت سالدى، مەن تىياتىرخانىدا جاۋاب قايتۇردۇم
2016.02.22

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تەلغەت ئابباسنىڭ ئايالى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا بارغان، بۇ چاغدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ تەلغەت ئابباسنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىنى تاپىلىغان ۋە بۇنداق قىلمىسا تەلغەت ئابباسنىڭ زىيان تارتىپ قالىدىغانلىقىنى پۇراتقان. زۇلۇمغا باش ئېگىشنىڭ زالىمنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان تەلغەت ئابباس بۇ قېتىم سېدنىي تىياتىرخانىسىدىكى چاغان كېچىلىكىدە ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقىرىش ئارقىلىق، يەنە بىر نۇقتىدىن، ئۆزى ئۇچرىغان ئەنە ئاشۇ تەھدىتكە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قاراتقان تەھدىتنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ كۈچەيتىشنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇش، يولىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئەمەس، بەلكى قارشىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تاۋلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىدە جەسۇر ۋە كەسكىن قەدەملەرنى بېسىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن تەلغەت ئابباسنىڭ ئايالىمۇ ئۆتكەن يىلى يۇرتىغا بارغاندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. بۇ تەھدىت تەلغەت ئابباسنىڭ شۇ كۈنى بايراق چىقىرىش ۋەقەسىدە ئاكتىپ رول ئېلىشىدا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەننىڭ سىڭلىسى ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئىدى، خەۋەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قاغىلىقتا ياشاۋاتقان 82 ياشلىق ئانىسى تۇرنىسا سادىقمۇ بۇ تەھدىتتىن خالىي بولمىغان، ئۆيىگە قوراللىق بېسىپ كىرگەن ساقچىلار 82 ياشلىق موماينى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ 12 سائەت قاردا ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالىغان.