ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ياشلار سۆھبەت يىغىنى چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.03.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
awstraliye-uyghur-birliki-yashlar.jpg ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 12-مارت.
RFA/Qutluq

12-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ ياشلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە كېلەر ئايدا ئادىلايتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە كېڭەشكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت 12 ‏- مارت يەكشەنبە كۈنى ئادىلايت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن ، جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەڭ تونۇلۇشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى يىغىن ھەققىدە توختالدى.

ئادىلايت شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى يېقىندىن بۇيان، مەزكۇر شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە تۈرلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى مۇستافا بۇ ھەقتە توختالدى.

نۇرمۇھەممەت تۈركىستاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ياشلار سۆھبەت يىغىنىدا يەنە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ 4-ئايدا ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

ئادىلايتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مۇستافانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۆھبەت يىغىندا، ياشلار 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىلايتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 1992-يىلى قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.