ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى مۇھاكىمىگە قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.09.17
Nick-champion-awstraliye-uyghur-mesilisi.jpg ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى نېيك چېمپىيون ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 17-سېنتەبىر.
Nick Champion MP

9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىغىنغا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن مەركىزى سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا دائىر يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە بىر قىسىم پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان.

بۇ ھەقتە «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ۋە سىدنېيدىكى «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىكىر بايان قىلدى.

نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نېيك چېمپىيون قاتارلىق تۆت نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغان.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆزىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد، سىدنېي ۋە مېلبورن قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتتىكى يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا ئاساسلىقى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا 10 مىڭ ئۇيغۇر ئىمزا قويغان ئەرزنامىسى، ئالماس نىزامىدىننىڭ ئايالىنى لاگېردىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا يازغان ئىمزالىق ئەرزنامىسى ھەمدە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىكىدە سۇنۇلغان تەكلىپلەر مۇھاكىمىگە قويۇلغان.

ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى نېيك چېمپىيون ئەپەندى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نامدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان سىياسەت ۋە پروگراممىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل بېسىملارغا ئۇچرىشىنىڭ ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىستىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ تۇتقۇندىكى مىليونلىغان ئىنسانلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلار ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى باشقا تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور مەمىتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن، چۈنكى بىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىز ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغان مۇراجىئەتلىرىمىز توغرىسىدا پارلامېنتتا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.»

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نامايىش، ئىمزا توپلاش، كۆرگەزمە ئېچىش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا دوكلات سۇنۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.