ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.26
rebiya-australia-uyhgur د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى
RFA

25- مارت كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان «يېپىق تەربىيە لاگىرلىرى» غا قارشى كەڭ‏-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئاۋسترالىيەنىڭ يىراق -يېقىن شەھەرلىدىن پايتەخت كانبېراغا كېلىپ توپلانغان 300 دىن ئارتۇق نامايىشچى ئۆزلىرىنىڭ ياڭراق شۇئارلىرى، ئاخبارات باياناتى ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىسى بولغان «يېپىق تەربىيە لاگىرلىرى» نىڭ ئەۋالى ھەققىدە ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بەردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

10 كۈننىڭ ئالدىدا  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى تەرىپىدىن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى ئاۋسترالىيەدىن باشلانغان ئىدى. يىگىرمە بەشىنچى مارت كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى 3 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قارشى يەنە بىر قېتىم كەڭ-كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشقا ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد، سېدنېي ۋە ۋىكتورىيە قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشتا «ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندى ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە لاگىرلارنى تاقاش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ نامايىشقا شىتىراك قىلدى. رابىيە خانىم سۆزىدە پۈتۈن دۇنيا  جامائىتىنى «يېپىق لاگېرلار» مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى زىيان-زەخمىتى ۋە خەۋپ-خەتەرلىرىنى تونۇپ يېتىشكە چاقىردى. نايانيىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاخبارات باياناتى ۋە شۇئارلىرىدا «يېپىق لاگېر» لارنى تاقاش مەسىلىسىدە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

پائالىيەتچىلەردىن بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق نارازىلىق نامايىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ئىككى كۈن داۋام قىلىدىكەن. نامايىش ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىن باشقا 5 دۆلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئالدىدىمۇ داۋام قىلىدىكەن. نامايىش يېتەكچىلىرىدىن مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى بايان قىلدى.

نامايىشتا دىنىي زات ئابدۇسالام قارى سۆز قىلىپ، ھەرقانداق زالىم ھاكىمىيەتنىڭ ھامان بىر كۈنى غۇلايدىغانلىقىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.