ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى
2014.11.18

ئاۋسترالىيەنىڭ برىسبانې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ كانبىرا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ سىياسىي پارتىيە شۇنداقلا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە كانبىرادىكى پارلامېنت بىناسىدا ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يېپىق سۆھبەت يىغىنىغا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور مەمتىمىن ئەلا پارلامېنت بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېپىق سۆھبەت ھەققىدە بەزى بىر ئۇچۇرلارنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.