ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.02.22
Erkin-Sidiq-Memet-Toxti-Awstralite-2019-01.jpg دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەرنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىدىن خاتىرىلەر. 2019-يىلى، 17-21 فېۋرال. ئاۋسترالىيە.
RFA/Ekrem

دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەر 17-فېۋرالدىن ئېتىبارەن مەركىزى سىدنېيدا بولغان «تۇران ئىنشائات شىركىتى» ۋە «تۇران باغلىنىش شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورىن، ئادىلايد شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى 21-فېۋرال كۈنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەرنى ئالاھىدە ئاۋسترالىيەگە تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتى.

مەمەت توختى ئەپەندى ئاۋسترالىيەدىكى بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا 5 كۈن ئىچىدە 3 چوڭ شەھەردە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك، تەسىرلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ۋە يەرلىك خەلقنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ مەقسىتى، لاگېرلارنىڭ ئاقىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتتىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ 5 كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە لېكسىيەلەرگە داخىل بولغان يەرلىك خەلقتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.