خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا ئېچىۋېتىشكە چاقىرىلدى
2017.05.03
3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى. خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىۋاتقان بېسىمى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئاخبارات-ئۇچۇرغا قارىتىلغان تەقىبنى ئىلگىرىلەپ چىڭىتتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىلاپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەكىتلىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ئەركىن ئاخبارات بولغاندىلا ئاندىن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. بۈگۈن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئانتونىيۇ گۇتېرررېس خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ ئەركىن ئاخبارات ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ژۇرنالىستلار دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك جايلىرىغا ئاۋازى كېسىلگەنلەرگە ئاۋاز بولۇش ئۈچۈن بارىدۇ. ئۇلار بارغان جايلىرىدا قېيىن-قىستاق ۋە ھەتتا ئۆلۈم يېتىم خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللايدىغان لىدېرلارغا ئېھتىياجىمىز بار. بۇ بىر ھەل قىلغۇچ مەسىلە. ھەقىقەتلەرنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ ياردىمى كېرەك. ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، مەن ژۇرنالىستلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەيمەن. چۈنكى ئەركىن ئاخبارات ھەممەيلەنگە تىنچلىق ۋە ئادالەت لىپ كېلىدۇ. بىز ژۇرنالىستلارنى قوغدىساق، ئۇلار بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۈگۈن دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىل ئاخباراتچىلارغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى مەخسۇس تېما قىلدى.
ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىدە زور بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىمىز، دېگەن سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ھەم بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا بېرىپ ئۇچۇر ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2017-يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى»دە خىتاي دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 176-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق دۆلەت، دەپ باھالانغان. ئەركىنلىك سارىيىمۇ ئوخشاشلا خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق، دەپ باھالىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئاخباراتنى قاتتىق چەكلەش بىلەن بىرگە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىمۇ تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
بۈگۈن يەنە خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى پروگراممىسى يېتەكچىسى سىتىۋېن باتلېر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەيلى دۆلەتكە قاراشلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بولسۇن مەيلى شەخسى شىركەتلەرگە قاراشلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئاخبارات ھېچقاچان ئەركىن بولۇپ باقمىغان. چۈنكى خىتايدىكى ئاخباراتچىلىق ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. مەسىلەن ‹سەي شىن› گە ئوخشاش شەخسلەر كونترول قىلىدىغان ئاخبارات-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن خەۋەر بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چىشىغا تېگىپ بالاغا قېلىشتىن قورقىدۇ. نۇرغۇنلىغان تور بازارلىرى، تور باشقۇرغۇچىلىرى، مۇستەقىل ژۇرنالىستلار بولسا تۈرمىدە. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر».
ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتايدا ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان 38 ژۇرنالىست بار بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 13 نەپىرى ئۇيغۇر. بۇلار، ئىلھام توختى، گۈلمىرە ئىمىن، مەمەتجان ئابدۇللا، نىجات ئازاد، نىياز قاھار، غەيرەت نىياز، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، ئاتىكەم روزى، مۇتەللىپ ئىمىن، ئەكبەر ئىمىن، پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سىتىۋىن باتلېر ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «ئاخبارات-ئۇچۇر ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئىنتېرنېت ئىشلىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئەندىشىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكىدىن كەپ چىققان بىر ئاقىۋەت» دېدى.
خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مانا مۇشۇنىڭدەك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنىنىڭ ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ‹‹ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ چىڭىتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلار بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تارقىتىشىنى چەكلىگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا بۇ بەلگىلىمىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يەر ئالغان : «ئالاقە تور بېكىتى، ئەمەلىي پروگرامما، مۇنبەر، مىكرو بلوگ، جامائەت ھېسابات نومۇرى، دەرھال ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جامائەتنى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك، ئىجازەتسىز ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ».
ئۇنىڭدا يەنە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق بارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتماقچى بولغانلارنىڭ چوقۇم مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدىكى ئورۇنلار تارقاتقان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمە خىتايدا ھەرقانداق ئاخبارات ۋە ئۇچۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجازەت قىلغان ۋە قېلىپلاشتۇرغان دائىرىدە بولىدىغانلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىنىشى دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئۆمەر قانات ئەپەندى مانا بۇ سەۋەب تۈپەيلى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ھەرقانداق ئۇچۇرغا گۇمان بىلەن قارىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.