ئايخان ئانىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىر قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دادىسى ئەيسا مەمەت بىلەن مەرھۇم ئانىسى ئايخان مەمەت. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) ئەيسا مەمەت ئەپەندى ھازىر 95 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دادىسى ئەيسا مەمەت بىلەن مەرھۇم ئانىسى ئايخان مەمەت. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) ئەيسا مەمەت ئەپەندى ھازىر 95 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
Social Media

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى 22 كۈندىن كېيىن ئاڭلىغان.

11-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق تور سەھىپىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا د ئۇ ق رەئىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئايخان مەمەتنىڭ 22 كۈن ئىلگىرى، يەنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 15:18 ئۆتكەندە ئاقسۇدا 78 يېشىدا قازا قىلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ «قەيەردە، نېمە سەۋەبتىن قازا قىلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا، بىلمەيدىغانلىقى ۋە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىلىش ئىمكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 15 ئايدىن بۇيان ھېچقانداق ئالاقىدە بولالمىغان. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

مەشھۇر سىياسىيون ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «خۇددى ئۆز ئانامدىن ئايرىلغاندەك پەرىشان بولدۇم» دېدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي پەرىشان بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق تور سەھىپىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايخان مەمەت ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ئايخان ئانا ئوغلى دولقۇن 1987-يىلى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان ‹ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى› نىڭ رەئىسى بولۇپ ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە 1988-يىلى 15-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يېتەكچىسى، تەشكىللىگۈچىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قوغلانغاندا پەرزەنتىگە ھېچ تاپا-تەنە قىلمىغانغا ئوخشاش، دولقۇن ئەيسا چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ كەلگەن 24 يىلدىن بۇيانمۇ بىرەر قېتىم تاپا-تەنە قىلىپ باقمىغان، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ‹ئوغلۇڭ چەتئەلدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، سىلەرنىڭ ئاقىۋىتىڭلار خەتەرلىك!› دېگەندەك تەھدىتلىرىگە قىلچە باش ئەگمىگەن، يۈزلەرچە قېتىملىق سوراق-سوئاللار ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ كەلگەن ئۇلۇغۋار پەزىلەتكە ئىگە ئانىلاردىن بىرى ئىدى» دېيىلگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ ئايخان ئانىنىڭ ئۆلۈمىدىن كۆپ پەرىشان بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ خىتاي زۇلۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بۇ قايغۇسىغا ھەمنەپەس بولماقتا ۋە مەرھۇم ئايخان ئانىنىڭ ئاخىرەتلىكىگە خەيرلىكلەر تىلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت