كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىغا قارشى چىقتى

0:00 / 0:00

28-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنى سايلاپ چىقىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىقماقتا. ئۇلار خىتاي ئەگەر ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇپ كىرسە، دۇنيا دېموكراتىيىسىنىڭ يەنىمۇ كەينىگە چېكىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلىمى ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار شۇنداقلا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ قايتىدىن ئەزالىققا سايلىنىپ قېلىشىنى توسۇشقا چاقىردى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلىمى ئۈچ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەت ئىچىدىن 47 دۆلەت سايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ئەزا دۆلەتلەر ئۈچ يىللىق ۋەزىپە جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتاي 2013-يىلى نويابىردىكى سايلامدا 193 ئاۋازنىڭ 176 سىنى ئۇتۇپ، ئەزالىققا سايلانغان ئىدى. بىراق، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ سايلامدا ئاۋاز ئېلىپ، بۇ كېڭەشكە قايتىدىن ئەزا بولۇپ كېرىشى ئىنتايىن بىمەنىلىك ۋە زور خاتالىق، دەپ قارايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بولماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ جەھەتتىكى مەيدانىمىز ئىنتايىن ئېنىق. بىز خىتاي بىلەن بىرلىكتە يەنە رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەزالىقىغىمۇ ئوخشاش قارشى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر بۇ ئورۇندا ئولتۇرماسلىقى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە سەيشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار باياناتىدا «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلغان دەپسەندىچىلىكى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان پائالىيەتچىلەرنى تەھدىت قىلىپ، ئۇلارنى جازالىماقتا. ب د ت نىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى ۋە دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلماقتا ياكى ئۇلارنى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىدىيىگىمۇ قارشى چىقماقتا» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2006-يىلى ئەسلى مەۋجۇت بولغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ قۇرۇلغان ئورگان بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىكى مەقسەت دەل خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ مونوپۇللىقىنى ئازايتىشنى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ بۇ كېڭەشكە قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىش ئىكەن. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سىستېمىنىڭمۇ خىتاينى توسۇپ قېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئورگانغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرىگە ئەكسىچە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سوفى رىچاردسون خانىم خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرەلىشىگە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاۋازغا قويۇش سىستېمىسىدىكى يوچۇق سەۋەبچى، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ئەمەلىي مەسىلە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلام ئېلىپ بېرىش شەكلىدە. يەنى كېڭەش ئەزالىقىغا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن باشقا دۆلەت بولمىغان تەقدىردە نامزات كۆرسەتكەن دۆلەتلەرلا تاللىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكىغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا ئاۋاز بەرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىكى دۆلەتكە ئاۋاز بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما، ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزا تاللاش سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىقىنى چەكلەيدىغان شەرتلەرنى قوشسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە يۇقىرى بولىدۇ.»

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە «خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى تۇرايلى» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە باش ئەگمەسلىككە چاقىردى. ئۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرغان ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قاماققا ئالغانلىقىنى، تىبەت پائالىيەتچى تېنزىن دېلەكنىڭ تۈرمىدە قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكىنى، 320 دىن ئوشۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، خرىستىئانلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا بېسىم سىياسىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ب د ت غا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئەمدى بۇ خاتالىققا قايتا چۈشمەي، خىتاينىڭ مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىققا چاقىردى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندىمۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ۋەدىلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا قىلىپ قويۇش خۇددى «تۈلكىنى توخۇ كاتىكىگە قارىتىپ قويغاندەكلا ئىش» دېگەن.