ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارمۇ دوكلات تەقدىم قىلدى

0:00 / 0:00

19-سېنتەبىر ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىنغا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرۇلۇق دوكلات تەقدىم قىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 19-سېنتەبىر كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ب د ت دا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

مەلۇمكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 33-نۆۋەتلىك يىغىنى13-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، 30-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىغان بۇ يىغىننىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقان بىز مەزگىل ئىدى. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى دەل مۇشۇ چاغنى تاللاپ ب د ت دا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆپ ساندا مۇخبىرلار قاتناشقان. يىغىنغا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 3 نەپەر خادىمىمۇ قاتناشقان.

يىغىندا خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇملىرى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2015-يىلى7-ئايدا خىتاينىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي رەھبىرى، روھانىي ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان تەنزىنتىلەك رېنپوچىنىڭ نەۋرىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ رېنپوچىغا ئۇ ھايات ۋاقتىدا قىلغان زىيانكەشلىكىنى، تىبەتتىكى دىنىي زۇلۇملارنى شەرھلەنگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز نۆۋىتىدە بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە،1990-يىلى «قانۇنسىز بالا تەربىيىلىگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچراپ، جازا مۇددىتى تۈرمىدە ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ بارغان، 26 يىلدىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەن ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن كىرەم ئابدۇۋەلى ھەمدە بۇ يىل5-ئايدا تەبلىغ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كەلپىندىكى 87 ياشلىق دىنىي زات ئابدۇسەمەت سالىھ قارىھاجىملارنى مىسال قىلىپ ئۆتكەن.

يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى چەككەن يەنە بىر مەسىلە، غەرب دۇنياسى قىزىقىش بىلەن كۆز تىكىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىمۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىلھام توختىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىنغان.