ياش دوختۇر: «ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنلا دوختۇرخانىدا 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم»

0:00 / 0:00

يېقىندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن ياش ئۇيغۇر دوختۇر ئۆزى ئىشلەۋاتقان ھەربىي دوختۇرخانىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، دوختۇرخانىدا ئىككى يىل ئىشلەش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئۇنى بۇ دوختۇرخانىدا داۋاملىق ئىشلەشتىن ۋاز كەچۈرگەن سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

27-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىكى زىيارىتىمىزدە، ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ خىتاي دوختۇرلىرى تەرىپىدىن قوپال مۇئامىلىگە ۋە تەجرىبە ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە نەقىللەرنى ئالغان ياش ئۇيغۇر دوختۇر بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلەش جەريانىدىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر دوختۇرلىرىنىڭ خىتاي باشلىقلار ھەتتا كەسىپداش خىتاي دوختۇرلىرى تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى داڭلىق تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي تىلىدا 5 يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى خېلى داڭلىق بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلغان ياش ئۇيغۇر دوختۇر دوختۇرخانىغا كەلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە يولۇققان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى دوختۇرخانىدىكى كۆپ ساندىكى دوختۇرلاردىن ئۈستۈن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دوختۇرخانىدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك دوختۇرلۇق خىزمەت دەرىجىسىنىڭ، دوختۇرلۇق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ھەربىي رايوندىكى مەلۇم خىتاي ئوفىتسېرنىڭ 3 يىللىق دوختۇرلۇق كۇرسىنى تۈگەتكەن يېقىنىغا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. بۇ ياش دوختۇر رېنتگېن بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئادەتتىكى تېخنىك قىلىپ قويۇلغان. ئۇ دوختۇرخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلاردىن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگىنىدە ئۇلار «سەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن سوۋغات تەييارلىمىدىڭ؟ ھېچ بولمىسا ئىككى بولاق تاماكا بولسىمۇ سوۋغات ئېلىپ كېلىشىڭ كېرەك ئىدى. بۇ يەردە سەن ئوقۇغان داڭلىق مەكتەپ ۋە يۇقىرى نەتىجە ئىشلىمەيدۇ» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.

دوختۇرخانىغا كىرىپلا بۇ خىل ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بۇ ياش ئۇيغۇر دوختۇر، ئۆز قابىلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئۇ تىرىشىپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا يۈز بېرىۋاتقان دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلار، ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ دوختۇرلۇق كىنىشكىسى بولمىغان خىتاي دوختۇرلىرى تەرىپىدىن تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنىشى، قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە دوختۇرخانا باشلىقلىرىغا ئىنكاس قىلغان ۋە بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، ئۇنىڭ باشقا كەسىپداش دوختۇرلاردىن يۇقىرى بولغان تېخنىك سەۋىيىسى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، دوختۇرخانا باشلىقلىرىغا بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرى، راۋان ئىنگلىزچىسى ۋە كېسەل كۆرۈنۈشكە كەلگەن بىمارلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يۇقىرى باھالىرى، دوختۇرخانا باشلىقلىرىنى ئەكسىچە ئوڭايسىز ھالەتتە قالدۇرغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى دوختۇرخانىدا ئېچىلغان خىزمەت خۇلاسىسى يىغىنىدا ئۇنى ئېغىزچە ماختاشقىلا يارىغان.

ئۇ تەكرار-تەكرار ھالدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە بېرىش، ھەتتا نەتىجىسى يەتكەن تۇرۇقلۇق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان. ئۇنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭغا «دوختۇرخانىمىزنىڭ ساڭا ئوخشاش تىرىشچان ياشقا ئېھتىياجى بار» دېگەن جاۋابنى بەرگەن، ئەمما كەسىپداش خىتاي دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئوچۇقلا قىلىپ،«بۇ يەردە نەتىجەڭ ۋە قابىلىيىتىڭ ئەسقاتمايدۇ، يولىنى قىلىشىڭ كېرەك ئىدى» دېگەن مەسلىھەتنى بەرگەن.

ئۇ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، چەتئەلگە چىقىپ كېتىش قارارىنى ئېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەققىدە توختىلىپ، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى دوختۇرلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغىنىدا، ئۇ تاللىغان مەكتەپتىكى يېتەكچى خىتاي پروفېسسورنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدىن كېيىن، ئۇنى ئاشكارا رەت قىلىشى، خىتايدا دوختۇرلۇق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.