بىريۇسسېل بىلەن لوندوندا خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە «ئەركىنلىك كارۋىنى» نامىدا نامايىش قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن 11 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىشتى.

«ئەركىنلىك كارۋىنى» ناملىق نامايىشنى باشلىغان فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇر خالمۇرات نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنى «خىتاي مېنىڭ ئاتا-ئانامدىن، ئاكا-ئۇكامدىن، ئاچا-سىڭلىمدىن قولۇڭنى تارت» دېيىش ئۈچۈن باشلىغانلىقىنى، بۈگۈن بۇنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا توختالغاندا «بۇ نامايىش، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 69-يىللىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹جازا لاگېرلىرى› غا تاشلاۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى، بېلگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى، ياخشى بىر نامايىش بولدى»، دېدى.

ئابدۇللام رانو ئەپەندى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ بۇرۇنقى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ، بەزى نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىنگلىز تىلىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى ئامانۇللا ئەپەندى، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنىڭ بۇرۇنقى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ نامايىشقا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىلشات ئەپەندى نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، «ئەركىنلىك كارۋىنى» ناملىق نامايىش پائالىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيەدە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە تىللاردا «جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!» دېگەندەك ھەر خىل شوئارلارنى توۋلاپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىزمەت بىناسى ئەتراپىدىكى كوچىلارنى لەرزىگە سالدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم نامايىشقا تىبەتلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نامايىشنى كۆرگەن بەزى ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنتى ئەزالىرى نامايىش توغرىسىدا نامايىشچىلاردىن سوئال سورىغان، بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ژۇرنالىستلار سىنئالغۇغا ئالغان.