ئۇيغۇر بوۋاينىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار نېمە؟

0:00 / 0:00

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان، بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ دادىسى دېمەتلىك بىر ئۇيغۇر بوۋاينى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ، دۈشكەللەۋاتقانلىقى، ئەتراپتىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ بولسا بۇ غەيرىي ئىنسانىي خورلۇققا بىچارىلەرچە قاراپ تۇرغانلىقىدەك سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مەزكۇر فىلىم رادىيومىز تورىغا چاپلانغاندىن كېيىن، كۆرۈش قېتىم سانى 50 مىڭغا يېقىنلاشتى، غەزەپلىك ئىنكاسلارمۇ نەچچە يۈزدىن ئاشتى.

ئۇنداقتا، كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن بۇ رىزالەتكە سەۋەب بولغان ئامىللار زادى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

مەزكۇر فىلىم تارقىلىشى بىلەن بىرگە تور دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇچۇرلارمۇ ھەر خىل بولماقتا. 10-نويابىر سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن مەزكۇر فىلىمغا بېرىلگەن بىر ئىنكاستا ۋەقەنىڭ يەكەن ناھىيىسى خاڭدى بازىرىدا يۈز بەرگەنلىكى، بوۋاينى ئۇرغۇچىنىڭ بازارلىق پونكىتنىڭ قۇربان ئىسىملىك باشلىقى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ھالبۇكى، فىلىم ئۇندىداردا تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «ئادىل تور ساقچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىرىنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەمدە رايوندىكى ئۇچۇر-ئالاقە چەكلىمىسى تۈپەيلى ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە فىلىمغا ئالاقىدار شەخسلەر ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

شۇنداقتىمۇ بىز، بۇ ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋام قىلدۇق. بۇ ھەقتىكى تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بىر ئالدى بىلەن خاڭدى بازارلىق ساقچىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.

تېلېفوننى ئالغان ياردەمچى ساقچى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ خاڭدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى ۋە «باشقا تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ساقچى پونكىتى باشلىقىمىزدىن سوراڭ» دېدى.

بىز بۇ ساقچى بەرگەن نومۇرغا ئۇلىغان بولساقمۇ، ساقچى باشلىقى تېلېفوننى ئالمىدى.

بىز يەنە، خاڭدى يېزىلىق كوپىراتىپنىڭ باشلىقى ئوبۇل نىيازنىڭ تېلېفونىنى تاپتۇق، ئۇ كىشى تېلېفوننى ئالدى ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوخشاشلا ئىنكار قىلمىدى، ئەمما چوڭقۇرلاپ سورىغان سوئالىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ «ھازىر يېنىمدا ئادەم بار، كېيىن تېلېفون قىلىڭ» دېدى-يۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېفونى تاقالدى.

نەتىجىدە، زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرىغان بوۋاينىڭ كىملىكى ۋە بوۋاينى ئۇرغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلگەندەك راستىنىلا قۇربان ئىسىملىك يېزىلىق پونكىتنىڭ كادىرى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق.

يۈرەكنى ئېزىدىغان مەزكۇر فىلىمدىكى رىزالەت رولچىلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىز «بۇ بىچارە بوۋاينىڭ مۇنچە ئېغىر خورلۇققا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار زادى نېمە؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتۇق. ئەمما، ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزمۇ كۆپ نەتىجىدە بەرمىدى.

مەزكۇر فىلىمغا يېزىلغان يەنە بىر ئىنكاستا خورلۇققا ئۇچرىغۇچى بۇ بىچارە بوۋاينىڭ ئۆيىدە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ خەتمە-قۇرئان قىلغانلىقى، بۇ، ئۇنىڭ يېزا كادىرى تەرىپىدىن تاياق يېيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىنكاس بەرگۈچىلەر بۇنىڭمۇ پۇت تەرەپ تۇرالمايدىغان سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىككى يىل ئاۋۋال يەكەننىڭ خاڭدى يېزىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، 3 ئاي ئىلگىرى قايتىپ كېلىپلا چەتئەلگە چىققان سابىق ياش كادىر ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە چېتىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە ساقچى ئورگانلىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، مەزكۇر فىلىمدا خاتىرىلەنگەن ۋەقەنىڭ نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى دىنىي سىياسەت تەدبىرلەر ئىنتايىن قاتتىق. ئەگەر، ئۇ بوۋاي راسلا ئۆيىدە خەتمە-قۇرئان ئوقۇتقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئىككى يىللىق تۈرمىدە يېتىشىغا يېتىدىغان چوڭ سەۋەب بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ بوۋاينىڭ تاياق يېيىشى، يەرلىكتە دېھقانلارنى يىغىپ سىياسىي ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناشقا ئوخشاش پائالىيەت ياكى بىر يىغىنغا كېچىكىپ قالغانلىقىدەك ئۇششاق سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق دېھقانلارنىڭ ناھەق زۇلۇمغا ئۇچرىشى ئومۇميۈزلۈك، داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋال. بۇ ئاشكارىلانغان ۋەقە شۇلارنىڭ پەقەت بىرى...» دېدى.

بۇ نۇقتا گېرمانىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەردىن پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قاراشلاردىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇ خىل «غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسى يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خاڭدى يېزىسى ‹يەكەن ۋەقەسى› دە ئەڭ زور قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان جاينىڭ بىرى، ئۇلار مۇسىبەت زۇلۇم ئىچىدىكى خەلق. ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، سەبرىنىڭ بىر چېكى بار. بۇ خىلدىكى ئادالەتسىزلىك، زوراۋانلىق ۋە غەيرىي ئىنسانىي ھەرىكەتلەر ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار. بۇ خىل زوراۋانلىقلار كۆپەيگەنسېرى، قارشىلىقمۇ شىددەت تۈسىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر، بۇ يەنە داۋام قىلىدىكەن، ئاگاھلاندۇرۇشمۇ، قورقۇتۇشمۇ توسۇپ قالالمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىنىڭ بۇ سىننى جىددىي چەكلىشىمۇ، سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىر پارتلاش خاراكتېرلىك كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى.»

دەرۋەقە، رادىئومىز رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ، نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ خىتايچە ياسىنىپ «تەيجى گۇمپىسى ئويناش»، «كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناش» «دۆلەت شېئىرى ئوقۇش» قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرگە مەجبۇرىي شەكلىدە تەشكىللىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆزىتىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادەم ئۇرغۇچىغا قانۇن بويىچە قاتتىق جازا كۆرۈشى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن كەچۈرۈم سوراپ تۆلەم تۆلىشى تەلەپ قىلىنماقتا ۋە بۇ خىلدىكى ئادالەت تەلەپ قىلىنىۋاتقان پىكىرلەر كۈچەيمەكتە.

ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يەتتىمۇ؟ بىز يەنە مەزكۇر فىلىم تورغا چاپلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇلار بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خاڭدى يېزىسىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن جاۋابسىز قالدۇرۇلۇشى، بۇ جايدىكى خەلققە بۇ ھەقتە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقى ۋە رايوندا بىر خىل ۋەھىمىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.