ئاقسۇدا رېستورانلار «چاغان زىياپىتى» گە كېپىللىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى
2016.02.01
باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزا مەركىزىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئېسىلغان ئالاھىدە ۋىۋىسكا. 2015-يىل ئاۋغۇست.
خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلاشقانسىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلدىكىدەك خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىش دولقۇنى باشلاندى. ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە, دائىرىلەر مۇشۇنداق ھېيت - بايرام پەيتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس چاغانلىق پاراۋانلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلىرى ئۇچۇن قولاي شارائىتلارنى يارىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە چاغانلىق زىياپەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ يىمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ساھەسىگە مەخسۇس«20 كۈنلۈك بەلگىلىمە» چىقىرىپ يولغا قويۇشقا باشلىغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى چاغانلىق تۈرلۈك پاراۋانلىق پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت، بازار باشقۇرۇش ھەمدە يىمەك - ئىچمەك ۋە دورا سۈپەت تەكشۆرۈش ئورگانلىرى بىرلىكتە يىمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشخانا، رېستۇرانلارغا چاغانلىق 20 كۈنلۈك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ ئارقىلىق ئاشخانا، رېستۇرانلارنى چاغان مەزگىلىدە سودا توختاتماسلىق ۋە چاغانلىق زىياپەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىشقا قول قويغۇزغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ شەھىرىدىكى 21 رېستۇران ۋە ئاشخانىلار چاغان كېچىسىدىكى ئائىلە ئولتۇرۇشى قاتارلىق چاغانلىق زىياپەتلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كېپىل بولۇش ئۈچۈن قول قويغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ چاغانلىق تۈزۈم مەخسۇس ئىستېمالچىلارنىڭ چاغاندىكى يېمەك - ئىچمەك ئىستىمالىنى ئاشۇرۇش ۋە سۈپىتىگە، بىخەتەر مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يىمەك - ئىچمەك ۋە دورىلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خادىم، سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، چاغانلىق زىياپەتكە كېپىللىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ خىتايچە ۋە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردا ئوخشاش يولغا قويۇلغانلىقىنى يوشۇرمىدى.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى رۇڭدۇ ئالىي رېستۇران مېھمان سارىيىنىڭ بىر كۈتكۈچىسى تېلېفوننى ئېلىپ، چاغانلىق كاپالەتنامىگە بۇ رېستۇراننىڭ قول قويغانلىقىنى ئېيىتپ : «رېستۇراننى تاقاپ قويماسلىق ئۈچۈن كېلىپ ئىشلەۋاتىمىز، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بەزىبىر خېرىدار ئاز بولماقتا، زىيان تاتساقمۇ ئاچماي ئامال يوق» دېدى.
بۇ كۈتكۈچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خېرىدار پەۋقۇلئاددە ئاز بولغاندىن سىرت، ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭمۇ يېرىمىدىن كۆپرەكى يۇرتلىرىغا قايتىشقان. ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە كۈتكۈچى، مۇلازىم، پۇل يىغقۇچى، ئامانلىق ساقلاش خادىمى قاتارلىق ئورۇنلاردا خادىم قىس بولىدىكەن. 20 كۈنلۈك چاغانلىق مۇلازىمەت مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغانلىقتىن، چاغانلىق مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھازىر رېستورانلار خادىم تەكلىپ قىلىش باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئىش ھەققىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق خادىملارنى جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئاقسۇدىكى مۇسۇلمانچە ئۇيغۇر رېستۇرانلارمۇ چاغانلىق مۇلازىمەت مەسئۇلىيەت نامىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھەر يېڭى بازاردىكى بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ دېرىكتورىمۇ ئادەتتە چاغاندا ئادەم كۆپ بولمىغاچقا، دۇكاننى تاقاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يىل ئېچىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇر رايونىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك تېمىلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ۋە بەزى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىمۇ دائىرىلەرنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنى چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، چاغاننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا بىرلىكى تەربىيىسىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنمەكتە.
رېستۇرانلار بىلەن 20 كۈنلۈك مۇلازىمەت مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ ئۇلارنى چاغان مەزگىلىدىمۇ سودىسىنى توختاتماي چوڭ تىپتىكى چاغانلىق زىياپەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۆشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلىشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكتى. مەزكۈر مەسىلىگە دىققەت قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن گېرمانىيىدىكى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ خىتاينى بىر چوڭ ئائىلە، ھەر قايسى مىللەتلەرنى قېرىنداش كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ خىتاي مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتىگە پۈتۈنلەي يىراق بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ، خىتاينىڭ مىللىي بايرىمى بولغان چاغانلىق بايرام كەيپىياتىغا سۈنئىي ھالدا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىر چارىسى دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايىنىدا رېستۇرانلارنىڭ بايرامدا سودا توختاتماسلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بۇرۇنمۇ مەيدانغا كەلگەن. يەنى دائىرىلەر ئىلگىرى رامىزان مەزگىللىرىدە جايلاردا ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانچە رېستوران، ئاشخانىلارنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چارىلەرنى قوللانغان ئىدى. پەرھات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزاندا ۋە چاغاندا رېستۇرانلارغا يۈرگۈزگەن بۇ بەلگىلىمىلىرىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ۋە مەقسىتى ھەققىدە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەندىن باشقا كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلىپ، ئاشخانا - رېستۇرانلارنى كۈندۈزى تاقاشنى چەكلەپ، ئۇلارنى ھاراق، تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، ئەمدىلىكتە چاغاننى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاش، جۇۋاۋا تۈگۈش ۋە چاغان ھارپىسى غىزاسى يېيىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەشكىللىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشى. بۇنداق ئىككى خىل ئۆلچەم، مۇستەبىت سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىميىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.»
ئۆتكەن يىلى رامىزاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەر ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغانلىقى خەلقارا مەتبۇاتلاردا ھەر خىل ئىنكاس قوزغىغان ۋە نارازىلىقلار كېلىپ چىققان ئىدى. فرانسىيە ئاۋازى «شىنجياڭدا خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى بۇ يىلمۇ چەكلەندى» ناملىق، گېرمانىيە دولقۇنلىرى«خىتاي شىنجياڭدا رامىزاننى چەكلىدى» ناملىق ھەمدە ب ب س «خىتاي دائىرىلىرى رامىزاندىن ئىلگىرى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى» ناملىق خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان رامىزانلىق چەكلىمىسىنىڭ ھەر يىلقىغا ئوخشاش يەنىلا قاتتىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتماسلىق، دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق، ئاشخانىلارنى تاقىماسلىق قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەھدىنامىلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. شۇ پەيتتە يەنى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.









