«دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىدا رەسمىي باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.10.22
diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-1.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-3.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-2.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-4.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-6.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-5.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

«دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ناملىق يىغىن 22-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا رەسمىي باشلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كەلگەن 80 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلماقتا. يىغىن 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا باشلاندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، پۈتۈن ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، تۇنجى قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىدا دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلغانلىقىنى، 3 كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا نوختىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كۆرۈشى توغرىسىدا تەييارلانغان ئىلمىي دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى سۆز قىلدى. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا قوش ئۆلچەم سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، تۇڭگانلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ئۆزى چىقارغان قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىبادىتىنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ياۋروپا دۆلەتلىرى باشتا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىنسان ھوقۇقلىرى لايىھىسى ئالىي تەتقىقاتچىسى ھېنرىك سجادىسكى ئەپەندى «ئۇيغۇرلار، خىتاي ۋە ئىسلام: ئىنسان ھوقۇقلىرىغا نەزەر» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىرىنى، رەسىملىك ئۆرنەكلەر بىلەن ئاڭلاتتى. بۇ بېسىمنىڭ كۆپرەك قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسورى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خىتايلارنىڭ ئىنكاس تەشۋىقاتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى پەقەت دىنىي مەسىلىلا ئەمەس، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدا تىبەتنى قوللايدىغان خىتايلارنىڭمۇ كۆپلۈكىنى، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خىتايلارنىڭ ئۇنداق قارىمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى لايىھىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن ئەپەندى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئازاد قىلغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەنلىكىنى بۇنىڭ بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئانا بولۇش ھوقۇقى، خىزمەت تېپىش ھوقۇقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقى، خالىغان جايدا ياشاش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىلدى. بىر يىغىن ئەھلى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك دەپ سوئال سورىدى. زۇبەيرە خانىم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە ئىزچىل ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىمىز توغرا ئوخشايدۇ دەپ ئېزىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى ئىسلامى تېررورچى دەپ كۆرسىتىش قىلمىشىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاكىمە مەيدانىدا «گېرالد نوئوت دىنىي ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى فوندى» جەمئىيىتى باشلىقى خانس نوئود ئەپەندى «نېمە ئۈچۈن خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش شۇنچە مۇھىم؟» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

مالايشىيا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى دوكتور روي ئانتوني روگېرس ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلۈش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئارقىدىن تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، ژۇرنالىست سادىق يىلماز ئەپەندى بولسا «ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى: زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە ئابدۇلكەرىم سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە نېمىلەرنى قىلىشى توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز يىغىن توغرىسىدا يەنە يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئورۇن-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئەتە 23-ئۆكتەبىر كۈنىمۇ ياۋروپا پارلامېنتىدا داۋاملىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.