خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا بۇ يىللىق رامىزاننىڭ يەنىلا ھەر خىل چەكلىمىلەر ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
6 - ئىيۇن كۈنى پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خاسىيەتلىك رامىزان ئېيى باشلىنىپ، مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ يىللىق رامىزان ھەققىدە رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىقاتىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويۇلمىدى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىدارە - جەمئىيەت، مەكتەپلەردە ھەر خىل ناملاردىكى ئۇقتۇرۇشلارنى تارقىتىپ، رېستوران - ئاشپۇزۇللارنى ئېچىشقا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ھەتتا ھۆكۈمەت كادىرى بولمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەر خىل چەكلىمە - بەلگىلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا چەكلىمە - كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلى دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، تېلېۋىزورلاردىكى خەۋەرلەردىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۆكۈمىتىمىز ھازىر بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلىپ، بۇ بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.
بۇ كىشى بايانىدا ھازىر روزىنى پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارنىڭ نورمال تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان ھەر خىل تەكشۈرۈش ۋە تەدبىرلەر كۈچەيتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
7 - ئىيۇن رامىزاننىڭ 2 - كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە كەلگەن بىر ئىنكاستا، دائىرىلەرنىڭ خوتەندىكى مەسچىتلەردىكى دىنىي تەبلىغلەر قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، «خوتەندە بىر ئايدىن بۇيان بارلىق مەسچىتلەردە تەبلىغنى بىر تۇتاش قىلىشنى يۈرگۈزدى. بارلىق مەسچىتلەرنىڭ مېھرابىنىڭ قېشىغا ئىككى تېلېۋىزور قويۇپ قويدى، جۈمە كۈنلىرى تەبلىغ تېلېۋىزور ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. بارلىق مەسچىتلەردىكى جامائەت تېلېۋىزوردا بىر تۇتاش تارقىتىلغان بۇرمىلانغان تەبلىغنى ئاڭلاپ ئولتۇرىمىز» دېيىلگەن ئىدى.
ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، گەرچە بۇ يەرلەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن قاتارلىق جايلاردا يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈلگەن تەبلىغنى مەسچىت ئىچىگە تېلېۋىزور قويۇپ ئاڭلىتىدىغان ئەھۋال تېخى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر جۈمە مەسچىتلەردە ئىماملارنىڭ جامائەتكە سۆزلەيدىغان تەبلىغلىرىنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن دائىرىلەرنىڭ رامىزانلىق چەكلىمىسى مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - كەنت كادىرلىرى، يەنى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ھازىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىققا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىپ، دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئۇيغۇر، ئىلگىرى ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر ئامال بار ھەر كۈنلۈك روزىسىنى تولۇق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردا رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەتنى توختاتقان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر ئىنكاستا، خوتەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانا - رېستورانلىرى خوجايىنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا رامزاندا نورمال تىجارەت قىلىش توختامنامىسىگە قول قوي قويدۇرۇلغانلىقىنى، مەزكۇر توختامنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلاردا نورمال تىجارەت قىلمىسا 500 سومدىن 1000 سومغىچە جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى ئىنكاس قىلىندى.
رادىيومىز مۇخبىرى خوتەنگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋالدىمۇ، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئاشخانا خوجايىنى رامىزاندىن ئىلگىرى ناھىيىلىك سودا - سانائەت بىرلەشمىسىدىن ئۇيغۇر رېستوران - ئاشپۇزۇللىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنىڭ ئېچىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، ئوخشاش بەلگىلىمە ئىلى دىيارىدىمۇ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە بەزى ئۇيغۇر ئاشخانا - رېستورانلىرى، رامىزاندىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەزكۇر ئاشخانا ياكى رېستوراننىڭ رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى ياكى بېزەش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاشخانا خادىملىرىنى بىر مەزگىللىك دەم - ئېلىشقا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈردى.
بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز بايانلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى ھەر خىل چەكلىمىلىرى يىللاردىكىگە ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ قۇربى يېتىشىچە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش بۇ خاسىيەتلىك رامىزان ئېيىدا ئاللاھ بۇيرۇغان پەرھىزلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
0:00 / 0:00